باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۇنيا يىنىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.08.24 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 22-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 2015-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا بىرلەشمىسى دۇنيا يىنىك ئاتلىتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 22-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانى «چاڭگا» يېڭى تۈسكە تولۇپ، بېيجىڭ ئو ت م دىن كېيىنكى يەنە بىر كاتتا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى تەنتەنىلىك كۈتۈۋالدى. 207 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2000چە تەنھەرىكەتچى بۇ جايغا جەم بولۇپ، مۇسابىقىلىشىدۇ ۋە قايتا شەرەپ قۇچىدۇ.

  سائەت 16دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لامىن دىئاك شوخ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن پۈتۈن مەيدان قىزغىن ئالقىش ساداسىغا تولدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ، يېڭىدىن سايلانغان خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سېباستىئان كو رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ سائەت 17دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە 2015-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يىنىك ئاتلىتكا بىرلەشمىسى دۇنيا يىنىك ئاتلىتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر