باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتە مىليون يۈەندىن 18 مىليارد يۈەنگىچە

2015.08.25 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 21–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن تۇرپان شەھىرىدىكى تۇرپان – قۇمۇل مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 24 – نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى سودا كېڭىشىدە نەق مەيداندا تۇرپاندا سۇ ئۈستىسى باغچىسى قۇرۇش، 100 مىڭ ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇش قاتارلىق 48 تۈردە شاڭخەي، بېيجىڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن 18 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالاندى. بۇ قېتىمقى كېلىشىم تۈرى ئالدىنقى نۆۋەتلىككە قارىغاندا 12 تۈر كۆپەيدى، مەبلەغ سوممىسىمۇ %28.41 ئاشتى.

  ــ بۈگۈنكى سودا يەرمەنكىسىدە بېيجىڭ «جيېيۈەن» يېڭى ئېنىرگىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شېركىتى، «سەنشيا» يېڭى ئېنىرگىيە شېركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىك چوڭ كارخانىلار تۇرپانغا ياساش، شامالدىن توك چىقىرىش، ساياھەت – مەدەنىيەت، داۋالاش، پاختا – توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە زور سوممىلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بېيجىڭ «شېنۋۇ» مۇھىت ئاسراش خاراكتېرىلىق ئېنىرگىيە پەن – تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شېركىتىنىڭ توقسۇندا زاۋۇت سېلىشىغىلا 8 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇلار «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستراتېگىيەسىدە تۇرپاننىڭ پاكىز، يېڭىچە تۈرلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ، تۇرپاننى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرىشدا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغۇسى،- دېدى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام ئوسمان ماڭا.

  1990 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا 6 مىليون 560 مىڭ يۈەنلىك سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولۇپ، 2015 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 24 – نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش بىلەن 48 تۈردە 18 مىليارد 659 مىليون يۈەنلىك سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى. ئۈزۈم بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ سورۇن تۇرپاننىڭ ئۈزۈم ئارقىلىق دوست تېپىش، ئۈزۈم ئارقىلىق ساياھەتنى گۈللەندۈرۈش، ئۈزۈم ئارقىلىق تۇرپانغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش سىياسىتىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشى بولدى، ئۈزۈم بايرىمى تۇرپانغا بىر چوڭ سودا سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى.

  ـــ بۇ 20 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ھەر نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىدىكى سودا يەرمەنكىسىدە ھەرخىل يارقىن نۇقتىلار بار بولىدۇ، ھەر يىلقى تەرەققىياتمۇ ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ئۈزۈم بايراملىرىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرلىرى سوممىسى نەچچە ئون مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇلار تۇرپاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولماقتا،- دېدى تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن شىفېڭ ماڭا.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا تۇرپانلىقلار ئۆزىدە بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ بار بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو «يىپەك يولى» تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا شياڭگاڭ «يىدا» گۇرۇھى تۇرپان بىلەن 10 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزۈپ، تۇرپاندا پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى، تۇرپانلىقلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئۈزۈم بايرىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى.

  شۇندىن كېيىنكى ئۈزۈم بايراملىرىدا تۇرپاننىڭ سودا مول ھوسۇللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. بولۇپمۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۇرپان شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى كان ئېچىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى يىرىك كەسىپلەرنى توختىتىپ پاكىز، يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى كۆپلەپ جەلىپ قىلىشى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم پاكىز، تېجەشلىك، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تۇرپانغا ماكانلاشتى. بۇلار تۇرپاننى يېڭىچە سانائىتى تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، تۇرپاننىڭ سانائەت كەسىپلىرىنىڭ ئالمىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا ھازىرلانغان بۇ سودا سەھنىسى خۇددى « ماگنېت» تەك بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپلىگەن كارخانىلارنى تۇرپانغا مەبلەغ سېلىشقا جەلىپ قىلماقتا. ئۈزۈم بايرىمى تۇرپاننىڭ ساياھەت شەھىرى ئوبرازىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن تۇرپاننى داڭقىنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا چىقارماقتا، تۇرپاننى چوڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر