خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاۋغۇست، باش كۈز،شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى 36-تۈەندىكى مىرەن توقاچ شاپتۇللىرى پىشىدىغان مەزگىل يىتىپ كەلدى.شاپتۇلزارلىقتىكى پىشىپ مەي بۇلۇپ كەتكەن شاپتۇللار كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.
مىرەن توقاچ شاپتۇلى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيىسىدىكى 36-تۈەن(مىرەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ مەھسۇلاتى بۇلۇپ،مىرەن بولسا رىۋايەتلەردىكى ئاياللار دۆلىتى، شۇنداقلا «غەرىبكە ساياھەت»تىكى ئانا دەريا ئېقىپ ئۈتىدىغان جاي بۇلۇپ ،بۇيەردە نۇرغۇن رىۋايەتلەر تارقالغان.
پۇختا شاپتۇل تېرىش تېخنىكىسى، شۇنداقلا ئانا دەريانىڭ سۈيى ۋە ئۆزگىچە ھاۋا كىلىماتى، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى بولغاچقا، 36-تۈەن تېرىغان شاپتۇللار ئۆزى چوڭ،رەڭگى چىرايلىق،پوستى نېپىز،گۆشى جېق، تاتلىق ھەم شىرنىلىك بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن«ئەۋلىيا مېۋە»دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، چىڭخەي،گەنسۇ ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ،ئېسىل سوۋغات بۇيۇمىغا ئايلاندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى