شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 23-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نەق مەيداندا خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەشكىلىي خىزمەتلىرىگە كۆنۈش ئۈچۈن، 22-ئاۋغۇست كەچتىن 23-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇنغىچە، تيەنئەنمىن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسىدا خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ مەخسۇس مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر تولۇق جەريان ۋە تولۇق ئامىل مۇجەسسەملەنگەن مانېۋىر ئىكەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەسكەرلەر، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش ئۈلگىلىرى ۋەكىللىرى مانېۋىرغا قاتناشقان. رۇسىيە، قازاقىستان، مۇڭغۇلىيە قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەت ھەربىي پاراتقا قاتناشقان 10 نەچچە دۆلەتنىڭ ئارمىيە چاسا ئەترىتى ياكى ۋەكىللەر ئەترىتى پارات مانېۋىرىغا قاتناشقان؛ دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، ئازادلىق ئارمىيە بىرلەشمە قوشۇن ئوركېستىرى، خور ئۆمىكى، ساليوت تارماق ئەترىتى، شۇنداقلا خاتىرىلەش يىغىنى خەۋەرلىرىنى بېرىشكە مەسئۇل مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ مانېۋىرغا قاتناشقان. مانېۋىرغا قاتناشقان خادىملار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بۇلۇپ، پۈتكۈل مانېۋىر جەريانى ئوڭۇشلۇق ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، تۈرلۈك مانېۋىردا مۆلچەردىكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەشكىلىي خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە تەجرىبە توپلانغان. ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن 25 مىڭ تاماشىبىن مانېۋىرنى نەق مەيداندا كۆرگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى