باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدۇ

2015.08.07 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى توردا تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات ئابدۇراخماننىڭ تونۇشتۇرشىچە، توردا تەكشۈرمەكچى بولغانلار شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ كۆزنەك تور پونكىتى(http://www.xjedu.gov.cn ) ياكى شىنجاڭ سىنىپى تور بېكىتى(http://www.xjban.com)دە تەكشۈرسە بولىدىكەن؛ قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق تەكشۈرمەكچى بولغانلار كۆچمە ئالاقە ئابونتلىرى بولۇشى كېرەككەن (#QLBGNئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى)نى 10658333غا يوللاپ تەكشۈرسە بولىدىكەن؛ ھەرقايسى جايلار قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرسىمۇ بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر