باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت جەدۋىلى يوق

2015.08.24 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەڭ ئاخىرقى نىشان چوقۇم نۇمۇر قوشماسلىق، بىراق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ ئېنىق بىر ۋاقىت جەدۋىلى يوق.» مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللەتلەر مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەۋلۇت بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى، چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇش ئېتىبار سىياسىتى داۋاملىق ساقلاپ قىلىنىدۇ، بىراق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنىدۇ، ئىسلاھ قىلىنىدۇ.مەۋلۇت مۇنداق بىلدۈردى، ئالىي مەكتەپكە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى بىكار قىلىش بىر جەريان بولۇپ، مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق. نومۇر قوشۇش سىياسىتى بىر باسقۇچ ۋە ئالاھىدە مەزگىلدىكى سىياسەت، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تەرەققىي قىلغان رايونلار ۋە مىللىي رايونلاردا پەرق چوڭ بولغانلىقتىن بۇ خىل ئېتىبار سىياسەت داۋاملىق ساقلىنىۋاتىدۇ.

  «نۆۋەتتە بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ بىرىنچىسى، ئالىي مەكتەپكە نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، سىياسەت بويىچە مېڭىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەتقىق قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىشكە مۇھتاج» دېدى مەۋلۇت.

  نۆۋەتتە تارقاتقان «گوۋۇيۈەننىڭ مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارارى»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبار سىياسىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر