- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدا قەلبداشلار لوڭقىسى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېھقانلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلدى
2015.08.26 16:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ناھىيەلىك « قەلبداشلار لوڭقىسى » ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېھقانلار تەنھەرىكەت يىغىنى -24ئاۋغۇست ، توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدە باشلاندى ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جېلىل خېلىل ، مۇئاۋىن ھاكىم ئايشەمگۈل ئاتاۋۇللا ۋە ۋىلايەت ۋە ناھىيەمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
جېلىل خېلىل مۇنداق دەپ بىلدۈردى : دېھقانلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى سۇسلاشتۇردى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى ، دېھقانلار تەنھەرىكەت پائالىيىتى ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .توخۇلا يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دۈەن ۋېنخۇي :” تۇخۇلا يېزىمىزدا دېھقانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقى ناھىيەمىزنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بولۇپ ، بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق دېھقانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشقا يېتەكلەيمىز.“ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، توخۇلا يېزىسى تاللاش مۇسابىقىسى ، قىزىل بازىرى تاللاش مۇسابىقىسى ، ئارال بازىرى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە جام بازىرى تاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت 4 مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنىدىكەن ، مۇسابىقىدە جەمئىي 130 كوماندا بار بولۇپ ، 300 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ۋاسكېتبول ، ۋالىبول قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر