- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونۇم رايونىمىز ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلىشى خىزمىتىنى تەكشۈردى
2015.08.26 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 19-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەشكىلات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى جۇ شىجىن ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، يېزا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تەكشۈردى.
دوكلات ئاڭلاش ، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، يېزا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تەپسىلى ئىگىلىدى . جۇ شىجىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ، نەمۇنىلىك ، باشلامچىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ؛ بارلىق ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پائال ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەپ ئۆستۈرۈش ؛ مۇلازىمەت تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار، قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم .ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ يىڭشەن ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ھەرقايسى يېزا – بازار ، باشقۇرۇش مەيدانىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ، تەشكىلات كادىرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر