باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى 14 يىل جان تىكىپ كۈرەش قىلغان قەھرىمان شەرقىي شىمال بىرلەشمە ئارمىيەسى

2015.08.26 20:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى پىدائىيلار قىسىمى، شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى پارتىزانلار ئەترىتى ۋە شەرقىي شىمال خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ بۇرۇن تەشكىللىگەن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، شارائىتى ئەڭ جاپالىق ياپونغا قارشى خەلق ئارمىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قوراللىق قوشۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقان ئىنتايىن جاپالىق يىللاردا، 14 يىل پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياپون قورچاق ئارمىيەسىنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئالغانىدى. ئۇلاردىن ياڭ جىڭيۈ، جاۋ يىمەن، جاۋ شاڭجى قاتارلىق بىر تۈركۈم تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.

  شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى 5000 كېچە – كۈندۈز جان تىكىپ ئېلىشىپ، دۈشمەن كۈچلۈك، ئۆزىمىز ئاجىز، شارائىت ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا قان كېچىپ جاپالىق جەڭ قىلغان. قىش پەسلىدىكى نۆلدىن تۆۋەن 30 – 40 گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇقتىمۇ، ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن يالاڭ كىيىملەر بىلەن قارلىق دالىلاردا ھەربىي يۈرۈش قىلغان، بەزى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ پۇت – قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەن. ئوزۇق – تۈلۈك يېتىشمىگەن ئەھۋالدا دەرەخ قوۋزىقى، ئوت – چۆپ يىلتىزلىرى كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ‹‹مەززىلىك تامىقى›› بولغان... شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ شارائىتىنىڭ ناچار، جاپالىق، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكىنى ‹‹ئىنتايىن مۈشكۈل›› دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدۇ.

  ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، رەھىمسىز ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ، ئاخىرىدا 2000 دىنمۇ ئازلاپ كەتكەن. ھەر دەرىجىلىك كوماندىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھايات – ماماتىغا قارىماي ئاتاكىغا ئۆتكەن، ئۇرۇشتا جۈن دەرىجىلىك كوماندىردىن 40 نەچچىسى، شى دەرىجىلىك كوماندىردىن 100 نەچچىسى قۇربان بولغان. كوماندىر – جەڭچىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇغنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قەتئىي باش ئەگمەي، باتۇر، قورقماس ئىنقىلابىي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى 14 يىلدا جەمئىي 200 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق جەڭ قىلغان.

  شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 38 – جۈنتۈەنىنىڭ مەلۇم ماشىنىلاشقان شىسى ئۇرۇش يىللىرىدىن تىنچلىق يىللىرىغىچە، ئىنقىلاب قىلىشتىن قۇرۇلۇش قىلىشقىچە ‹‹جەڭدە قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىش››تەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى باشتىن – ئاخىر جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يېڭى شانلىق تارىخنى يېزىپ چىقتى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ شى ‹‹تۆت قېتىملىق سىپىڭ جېڭى››، جياڭنەنگە ئۈچ قېتىم چۈشۈش، لياۋشېن ئۇرۇشى، بېيپىڭ – تيەنجىن ئۇرۇشى قاتارلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، بىر كېچىدىلا جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، 145 چاقىرىم يولنى پىيادە يۈرۈپ، چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ياسىشىغا زور تۆھپە قوشقان. پىدائىيلار قىسىمىنىڭ قوماندانى پېڭ دېخۇەي بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇرسەن بولۇپ ‹‹جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسىمى ياشىسۇن!››، ‹‹38 – جۈنتۈەن ياشىسۇن!›› دەپ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ قوشۇننىڭ شان – شۆھرىتى يىراقلارغا تارقالغان. 1 – ئاۋغۇسىت كىنو ئىستۇدىيەسى شۇ قېتىمقى جەڭنى تېما قىلىپ ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ناملىق كىنونى ئىشلىگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ شى ‹‹ئۇچار يولۋاس شىسى›› دەپ نام ئالغان.

  قۇرۇلۇش دەۋرىدە، بۇ قىسىم ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تاڭشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، ھەربىي مەشىق پىروگراممىسى تۈزۈش، سىياسىي تەربىيە ئىسلاھاتى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى. بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم قەھرىمان نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەر مەيدانغا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر