باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەل – ئاۋامنىڭ ئۈلگىسى، مەدەنىيەت ئەلچىسى

2015.08.26 21:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرغۇن مىجىت، نۇرمۇھەممەت توخنىياز

  20 – ئەسىرنىڭ 70 – ، 80 – يىللىرى كىنو جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسى ئىدى. 1980 – يىل 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مول ھوسۇللۇق 3 – مەيداننىڭ 1 – ليەنىدە ‹‹تۆمۈريول پارتىزانلىرى››ناملىق كىنو قويۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى. بالىلارنىڭ ‹‹كىنوچىلار كەلدى، كىنوچىلار كەلدى›› دەپ توۋلىشى بىلەن ياشلار، ياشانغانلار، ئەر – ئاياللار قاراڭغۇ چۈشمەستىنلا ئورۇندۇقلىرىنى، كىگىز – پالاسلارنى كۆتۈرۈشۈپ ئورۇن ئىگىلەشكە باشلىدى. كىنو باشلىنىش بىلەن تەڭ، بەزى كەپسىز بالىلار ئورۇن تاپالماي دەرەخكە ‹‹قونۇشتى››، ئادەملەر ھويلىغا پاتماي قالدى، بۇ قىزغىن كەيپىياتنى كۆرگەن چاۋ گۇاڭخۇا شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆزىگە ‹‹يۇرتداشلارغا چوقۇم ھەر بىر مەيدان كىنونى ياخشى قويۇپ بېرىمەن!››،دەپ ۋەدە بەردى.

  ئاۋات ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغان چاۋ گۇاڭخۇا 1977 – يىلى 7 – ئايدا 17 ياشقا توشماي تۇرۇپلا شەھەر، يېزىلاردا كىنو قويۇش خىزمىتىنى دادىللىق بىلەن تاللىدى، ئۇ شۇ ئىشلىگەنچە توپتوغرا 38 يىل ئىشلىدى. ياشلىق باھارىنى يېزا كىنوچىلىقىغا بېغىشلاپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.

  ئەينى يىللىرى يېزىلاردا كىنو قويۇش جاپالىق ئىش ئىدى. بىر جايدا كىنو قويۇپ بولۇپ، ئېغىر كىنو ئاپپاراتلىرىنى يىغىپ – قاچىلاپ، كونا ئات ھارۋىسىغا بېسىپ يەنە بىر جايغا ئاپىرىشنىڭ ئۆزى بىر جاپالىق جەريان ئىدى، يەنە كېلىپ يېزا، كەنت يوللىرى ناچار ئىدى، چاۋ گۇاڭخۇا ئايال بولسىمۇ، ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپالىق ئىشلىدى، بەزى ليەن بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 40 كىلومېتىردىن ئاشاتتى. چاۋ گۇاڭخۇا قىش زىمىستانلىق كۈنلەردىمۇ، تومۇز ئىسسىق كۈنلەردىمۇ سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، كەچقۇرۇن ئەل ياتقاندا قايتاتتى، قورسىقى ئاچسا سوغۇق سۇ بىلەن قۇرۇق نان يەيتتى. ئەينى يىللىرى فىلىم ئاز، كىنوچى كەمچىل، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، بىر كەنتكە ئون كۈن ياكى يېرىم ئايدا بىر قېتىم كىنو قويۇش نۆۋىتى كېلەتتى، دېھقانلارنىڭ كىنو كۆرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، چاۋ گۇاڭخۇا ھەمىشە بىر ئاخشامدا تۆت – بەش كىنو قويۇپ بېرەتتى، كىنونى قويۇپ بولۇپ، ئاپپاراتنى قاچىلاپ يولغا چىقىپ بولغۇچە تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلايتتى.

  چاۋ گۇاڭخۇا ئاۋات ناھىيەلىك كىنو قويۇش – باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىللەردە، تېلېۋىزور ئومۇملىشىشقا باشلاپ، يېزا كىنوچىلىقى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنداقتىمۇ چاۋ گۇاڭخۇا ئۆزى سۆيگەن كەسىپتىن ۋاز كەچمىدى. ئۇ بىر كەنتتە ئايدا بىر مەيدان كىنو قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. ھېيت – بايرامدا ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ئېيى، نامراتلارنى يۆلەش ھەپتىلىكى، پەن – تېخنىكا ھەپتىلىكى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشى تەربىيە ئېيى پائالىيىتى داۋامىدا، ئۇ ھەمىشە ياخشى فىلىملەرنى تاللاپ، قىسىم، ئورگان، مەكتەپ ۋە يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ كىنو قويۇپ، مۇنەۋۋەر كىنو فىلىملەرنى شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى.

  ئاقسۇ تۈرمىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 كىلومېتىر ئىدى، قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان بولمىغاچقا، تۈرمىدىكى كادىر، ساقچى ۋە قوراللىق ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى بەك زېرىكىشلىك ئىدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار بىرەر قېتىممۇ كىنو كۆرۈپ باقمىغانىدى. 2007 – يىلى تاۋۇز چاغىنىدا، چاۋ گۇاڭخۇا 30 دانە مۇنەۋۋەر كىنو فىلىمىنى تاللاپ ئاپىرىپ، كادىر، ساقچى ۋە قوراللىق قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىگە قويۇپ بەردى ھەمدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقانلارغا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور ‹‹ئىللىق باھار›› ناملىق فىلىمنى قويۇپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئاۋات ناھىيەلىك كىنو قويۇش – باشقۇرۇش مەركىزى مۇنەۋۋەر كىنولارنى ئاقسۇ تۈرمىسىگە يۈزلەندۈرۈپ، يىلدا 36 مەيدان/قېتىم كىنو قويدى، ھەر يىلى يېزا كىنوچىلىقىنىڭ ‹‹2131›› قۇرۇلۇشى بويىچە 2000 مەيدان كىنو قويۇش نىشانىنى يولغا قويۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى 700 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن بىر كەنتتە ئايدا بىر مەيدان كىنو قويۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشتى.

  چاۋ گۇاڭخۇا كىنو قويۇش داۋامىدا كىنو قويۇش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئادەتتە كۆرۈلىدىغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى، كاشىلا كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، فىلىمنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، يېزا – بازارلاردا كىنو قويۇش ئەترىتى بىرەر قېتىممۇ سەۋەنلىك سادىر قىلىپ باقمىدى.

  چاۋ گۇاڭخۇا ھېيت – بايرام، چاغان كۈنلىرىدە قىسىملارغا بېرىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرگە كىنو قويۇپ بېرەتتى، بەزىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن تىكتاك توپ، ۋاسكېتبول ئوينايتتى، بەزىدە ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن لەڭمەن، پولۇ ئېتىپ بېرەتتى، ھەر يىلى ئەتىيازدا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى باشلاپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بىلەن بىللە گۈل تېرىپ، ھەربىي لاگېرنى يېشىللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرەتتى، ئىدارىسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى ۋە قىيىنچىلىقى بولسا، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولاتتى، ھېيت – بايراملاردا پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلايتتى، ئىئانە توپلاشقا ياكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى. 2006 – يىلى 11 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى جۈنخەينىڭ خوتۇنىنىڭ تۇيۇقسىز تولغىقى تۇتۇپ كەتكەنىدى، ئەمما لى جۈنخەي سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنىدى، چاۋ گۇاڭخۇا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇ ئايالنى دەرھال ئاپتوموبىل بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئانا – بالىنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

  چاۋ گۇاڭخۇا ھەر قېتىم يېزىلارغا بېرىپ كىنو قويغاندا، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئاممىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرەتتى. 2005 – يىلى 3 – ئايدا ئۇ غورۇچۆل بازىرى قېدىمئايماق كەنتى 7 – گۇرۇپپىغا كىنو قويغىلى بارغاندا، يۈسۈپ رېھىم بىلەن تونۇشۇپ قالدى، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئوغلىنى ناھىيەدىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇسى بارلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۈسۈپ رېھىمنىڭ ئوغلىنىڭ خەنزۇ مەكتەپكە ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. 2010 – يىلى چاۋگۇاڭخۇا بەشئېرىق بازىرى بوستان كەنتىگە كىنو قويغىلى بارغاندا، بىر قارىغۇچىسى يوق ياشانغان دېھقاننىڭ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى باش بولۇپ ، يېزا – بازارلاردا كىنو قويۇش – باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىئانە توپلاپ، ئۇ بوۋايغا ياردەم بەردى.

  چاۋ گۇاڭخۇا 38 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، كۆپ قېتىم مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر كىنوچى››، دۆلەت رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر يېزا كىنوچىسى››، جۇڭگو كىنو جەمئىيىتى تەرىپىدىن ‹‹مەملىكەت بويىچە يېزا كىنو تارقىتىش – قويۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس››، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ‹‹ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار قىز››، ۋىلايەت تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹قوش ھىمايە قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› دېگەن شەرەپلىك ناملارغا، 2011 – يىلى 8 – ئايدا ‹‹جۇڭگودىكى ئەخلاق نەمۇنىچىسى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر