باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مېلودىيەسى

−−ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئىئانەتوپلاش ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر

2015.08.27 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسلىسىز يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى

  تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشى 1937 - يىلى باشلانغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) شەھىرىدە ئاياللار ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئىككى قېتىم ئويۇن قويۇپ، ئويۇندىن قىلغان كىرىمنى شىنجاڭ پۇقرالار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئارقا سەپ ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرغان.

  1937 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە، «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە مەمۇرى ئويۇن قويۇپ ئىئانە توپلاشنى تەشكىللىدى» دېگەن خەۋەر بېسىلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، خېيلۇڭجياڭدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيەنىڭ دۈشمەنلەرنى بىتچىت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى غەلىبە خەۋىرى ئۈزۈلمىدى، بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئالدىقى سەپتە دۈشمەنگە قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىۋاتقان كوماندىر - جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. 1937 - يىلى 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرلىرىدىن يۈەن جيەنگو قاتارلىق ئالتە كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش باش ئۇيۇشمىسىغا ئۆزلىرىنىڭ ئويۇن قويۇپ، خېيلۇڭجياڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كوماندىر - جەڭچىلەرگە ئىئانە توپلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ تەلىپى تەستىقلانغاندىن كېيىن، بۇ ئالتە مەمۇر يەنە بىر نەچچە داڭلىق خەلق سەنئەتكارىنى بىرلىكتە ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئالدىنقى مەيدان ئويۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئاياغلاشتى؛ بۇ بىر نەچچەيلەن ئازراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، كېيىنكى مەيدان ئويۇننى سائەت بەشتە باشلاپ، كەچ سائەت توققۇزدا ئاخىرلاشتۇردى. تاماشىبىنلار ئويۇننى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۆردى، ئارتىسلارمۇ ناھايىتى روھلۇق ھالدا ماھارىتىنى كۆرسەتتى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئويۇن شۇنچە ئۇزاق داۋاملاشقان بولسىمۇ، مەيدان تەرتىپى ناھايىتى ياخشى بولدى. تىياتىرخانا ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ قالمىغانىدى. شۇ كۈنى پارچە - پۇرات چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە، كىرىم 9400 سەر كۈمۈشتىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش باش ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرۇلدى. شۈبھىسىزكى، ئىئانە توپلاش ئۈچۈن قويۇلغان بۇ ئويۇن تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  1938 - يىلى دىخۇا شەھىرىدىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى دىراما ئويناش شەكلى بىلەن ئىئانە توپلىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى دىخۇا شەھەرلىك باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىئانە توپلاش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىئانە توپلىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى «يېڭى يۇلتۇز» تىياتىرخانىسى شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ تىياتىرخانا بولۇپ، كىشىلەر دائىم بۇ يەردە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزەتتى.

  1938 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدا 2 - قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئويۇن قويۇپ ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، 6 - ئاينىڭ 11 -، 12 - كۈنلىرى دىخۇا شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «يېڭى يۇلتۇز» تىياتىرخانىسىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئويۇن قويۇپ ئىئانە توپلىدى، ئوقۇغۇچىلار جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدىن شەھەر ئاھالىلىرى قاتتىق تەسىرلەندى، ھەر قېتىملىق ئويۇندا زال تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولاتتى.

  ئەينى ۋاقىتتا دىخۇا شەھىرىدە ھۆكۈمەت ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئويۇن قويۇپ ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى كۆپ ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تىياتىرخانا ئىجارىسىنىڭ يۇقىرىلىقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى. 1939 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان: مەيدان، سەھنە كىيىملىرىنىڭ ئىجارىسى ناھايىتى قىممەت ئىدى، بېلەت ياخشى سېتىلماي قالسا، بېلەتتىن كىرگەن كىرىمنىڭ كۆپ قىسمى ئىجارە ھەققىگە كېتەتتى، شۇڭا تەشكىللىگۈچىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندى. كۆپچىلىك تىياتىرخانا خوجايىنىغا ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ھەققانىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتتى. سۆھبەت نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، شۇ پەيتتە داڭلىق ئايال ئارتىسلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ: «بىر پۇڭمۇ ھەق ئالمايمىز، شەخسىي پۇل تېپىش كىچىك ئىش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئەڭ مۇھىم» دېدى، بۇنىڭ بىلەن تەشكىللىگۈچىلەر تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى.

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭىيىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. بىر قازاق مويسىپىت دىخۇادا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇچىسىدىكى يېپيېڭى چاپاننى سېلىپ، كىنوخانا خىزمەتچىسىگە بېرىپ: ئالدىنقى سەپتىكى كوماندىر - جەڭچىلەر قارلىق دالىلاردا ئۇرۇش قىلىۋېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرى بەك يالاڭ ئىكەن، بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، دەيدۇ. ئىككى ئۇيغۇر يىگىتمۇ فىلىمدە ئالدىنقى سەپتىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ، ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۆيلىرىگە بېرىپ نان ئېلىپ كېلىدۇ ۋە كىنوخانا خىزمەتچىسىگە: ياپون ئالۋاستىلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان تاغىلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز، دەيدۇ. 1939 - يىلى جاۋ دەن رېژىسسورلۇق قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تېما قىلىنغان «كۈرەش» ناملىق دىراما چېگرا شەھەردە زور داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ئۇدا ئون نەچچە كۈن قويۇلدى. داڭلىق ئۇسسۇلچى قەمبەرخانىم 1942 - يىلى چەت ئەلدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كېلىپلا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەشۋىقاتىغا ئاتلاندى. ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن نادىر ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىئانە توپلاش ئويۇنلىرىنى قويدى. ئەسكەر قىزنىڭ رولىنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ئۇزۇن ئىككى تال ئۆرۈمە چېچىنى كېسىۋەتتى. بۇ داڭلىق ئۇسسۇلچى سەھنىنىڭ ئاددىيلىقىغا قارىماي، ئاۋامنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن دائىم ئاۋات بازارلاردا، چوڭ كوچىلاردا، ھەتتا مەھەللىلەردە ئويۇن قويۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن ئىئانە توپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ئۇنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەييارە ئويۇن قويغاندا چۈشكەن سۈرىتى بار، سۈرەتتە ياش قەمبەرخان ھەربىي فورما كىيگەن بولۇپ، قىسقا قىرقىم چېچى بىلەن تېخىمۇ مەردانە، جەسۇر كۆرۈنەتتى. سۈرەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە پاكار كونا ئۆيلەر بولۇپ، بۇنىڭ كوچىدا قويۇلغان ئويۇن ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇراتتى.

  ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىش

  1942 - يىل 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى 6 - يىلىغا قەدەم قويدى. مەملىكەتلىك ھال سوراش باش ئۇيۇشمىسى شىنجاڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنىڭ تولۇق نامى «مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلىپ، ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى» بولۇپ، بۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى كۈچلەر سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئەل ئىچىدە پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق ئارمىيەدە مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئالدىنقى سەپتىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە كىتاب، رادىيو، پىرويېكسىيە پىلاستىنكىسى، كىنو قويۇش ئاپپاراتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىكى ھارغىنلىقىنى پەسەيتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنغان. 70 يىل ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ قاتناش شارائىتى قولايسىز، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى قالاق بولسىمۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قىزغىنلىقىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالمىدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تېزلا قانات يېيىپ، شەھەر - بازارلاردىن يېزا - كەنتلەرگىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۇل ۋە كۈچ چىقاردى. قىسمەن تارىخىي ئارخىپلاردىن «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى»نىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنىڭ ئىلگىرىكى ھەر قانداق ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  1942 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە سۇنغان مەكتۇپتا مۇنداق يېزىلغان: يېقىندىن بۇيان تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرى ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئالدىنقى سەپتىكى قان كېچىپ كۈرەش قىلىۋاتقان كوماندىر - جەڭچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن قانات يايدۇرۇلغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، بەس - بەستە تىياتىر تەييارلاۋاتىدۇ. ئالاقىدار ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەردىن بەزىلەر شەخسىي نامىدا پۇل ئىئانە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ئۈچۈن ھەر قايسى مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى.

  1942 - يىل 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىنجاڭ باسما زاۋۇتى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، زاۋۇت باشلىقى چى خۇاچېڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن كېيىن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھاياجانلىنىپ، گەرچە مائاشى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، يەنىلا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇ كۈنىلا 1646 يۈەن ئىئانە قىلدى.

  ئۇ يىللاردا ئالاقە تورى، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ يوق بولسىمۇ، ئۇلار قايناق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنى شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە قانات يايدۇردى. ئەينى چاغدىكى تۇرپان ناھىيەسى مەخسۇس تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، بۇ ئەترەتنى ھەر قايسى يېزىلارغا ئىئانە توپلاشقا ئەۋەتتى، شەھەردە ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ئاخۇن - موللىلار ۋە بازار باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن «بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى» ھەر بىر ئائىلىگىچە بېرىپ تەشۋىق قىلدى ھەم مەكتەپلەرنى ئويۇن بېلىتى سېتىشقا سەپەرۋەر قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، 15 مىڭ 65. 232 يۈەن توپلىدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گۇما ناھىيەسى ئەينى چاغدا نامرات كىچىك ناھىيە بولۇپ، ھەر قايسى تەشۋىقات گۇرۇپپىلىرى تىرىشىپ تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئامما مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بەس - بەستە ئىئانە قىلىپ، 13 مىڭ 07. 964 يۈەن غەملىدى، بىرەيلەن ھەتتا «ئائىلە تەۋەررۈكى» بولغان 51 سەر يامبۇنى ئىئانە قىلدى.1943 - يىلى يانۋاردا شىنجاڭ ئۆلكىلىك دوختۇرخانا ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتۈۋاتقان تېببىي خادىملار 5. 824 يۈەن ئىئانە قىلدى.1943 - يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يوللىغان «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ئىئانە پۇلى جەدۋىلى»دە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۈەن، ئاز بولغاندا بەش مو ئىئانە قىلىندى، دەپ ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.تارىخىي ئارخىپلارنى ۋاراقلىساق، ئىئانە قىلىنغان ئەنە شۇ ئازغىنە بەش مو پۇلمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، كۆز ئالدىمىزغا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش كېلىدۇ: بەش مو پۇل بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىنىڭ بىر ۋاخ تامىقىغا يېتەتتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، قىلچە ئىككىلەنمەي ئاشۇ بەش مو پۇلنى ئىئانە قىلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا باي يۈرىكىنى تەقدىم قىلغانىدى.

  ۋەتەن بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش

  1944 - يىل 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، «شىنجاڭ گېزىتى» كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلدى، باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنى قوللاش قىزغىنلىقىمىزنى، ئالدىنقى سەپتە قان كېچىپ جەڭ قىلىۋاتقان جەڭچىلەرگە بولغان غەمخورلۇقىمىزنى بىلدۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش مۇسابىقىسى بەس - بەستە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پۇرسەتتە، بەسلىشىش روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جايلار، تارماقلاردا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ يۈكسەلگەن مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنى قوزغىشىمىز كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغلاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولدى. 1944 - يىل 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ئۆلكىلىك تاشيول ئىدارىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەردە تولىمۇ تەسىرلىك بىر ھېكايە بايان قىلىنغان، يەنى، ليۇ چاۋشياڭ جىڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي يول ئاسراش ئىشچىسى بولۇپ، ئايدا ئاران 25 يۈەن مائاش ئالاتتى، لېكىن مانا مۇشۇنداق كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان «ئاددىي شەخس» نۇرغۇن يىل تېجەپ يىغقان 200 يۈەن پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكى جەڭچىلەرگە ئىئانە قىلدى.

  ئارىدىن 70 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىز بۇ ھېكايىدىكى ئىللىقلىقنى ھېلىھەم ھېس قىلالايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدىكى ماتېرىياللاردا مۇنداق بىر ۋەقە خاتىرىلەنگەن: ئىلى مېيىپ ھەربىيلەر كۈتۈنۈش ئورنىدىكى مېيىپ ھەربىيلەر مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ يىغقان پۇللىرىنى ئىئانە قىلغاندىن كېيىن، 1943 - يىل 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئارقىلىق مالىيە نازارىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، داۋاملىق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ئۈچۈن، مالىيە نازارىتىدىن 1944 - يىلى مېيىپ ھەربىيلەر كۈتۈنۈش ئورنى ئۈچۈن 400 تۇياق قوي سېتىۋالىدىغان خىراجەتنى ئالدىن چىقىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نامىدا بىۋاسىتە ئىئانە قىلىشنى ئۆتۈنگەن. مالىيە نازارىتى بۇ ئىشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن، 18 كۈندىن كېيىن، يەنى 1943 - يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تەستىقىي جاۋاب بەرگەن: گەرچە مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىستىكى قىممەتلىك بولسىمۇ، لېكىن 1944 - يىللىق مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىشقا يەنە خېلى ئۇزاق ۋاقىت بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ. شۇڭا 1944 - يىللىق 400 تۇياق قوي يەنىلا ئىلى مېيىپ ھەربىيلەر كۈتۈنۈش ئورنىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭلار قويلارنى سېتىپ پۇلىنى ئىئانە قىلىڭلار.خەۋەرلىشىش تەرەققىي قىلمىغان شۇ دەۋرلەردە، بۇ ئىشلار ئۇلاپ خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ ئۆزلىرى بىر يىل گۆش يېمىسىمۇ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە 400 تۇياق قوينىڭ پۇلىنى ئىئانە قىلىپ، ئاخىرىدا «دۈشمەننى يوقىتىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ.

  ئەينى چاغدا مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى مەدەنىيەت ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا 20 مىليون يۈەن توپلاش ئىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراشقا 1 مىليون يۈەن ئىئانە توپلىغان. ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادى قالاق شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان كۆپ پۇل ئىدى.مەيلى شىنجاڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ياكى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغىچە كېڭەيگەن مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەدىن ھال سوراش ھەرىكىتى بولسۇن، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە يېزىپ چىققان قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قەسىدىسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇ روھ ھېلىھەم بىزنى شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، بەختىيار ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر