دۆلىتىمىزدىن بۇ يىللىق ھەجگە ماڭغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار 22-ئاۋغۇست ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گەنسۇدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كېلىپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يىللىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىش پائالىيىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. ھەج قىلىش ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدە بۇ يەرگە كەلگەن مۇسۇلمانلار جەمئىي 297 نەپەر بولۇپ، ھەممىسى گەنسۇدىن كەلگەن. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن گەنسۇ ۋە يۈننەندىن ھەج پائالىيىتى ئۈچۈن ماڭغان يەنە ئىككى ئايروپىلانمۇ مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى جەمئىي 14 مىڭ 500 ئادەم بولۇپ، ھۆددىگە ئېلىنغان 47 ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجۇ، يىنچۇەن ۋە كۇنمىڭدىن مەدىنىگە بارىدىكەن. بۇ يىللىق ھەج پائالىيىتى 21-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ئۈچ مىليون مۇسۇلمان مەدىنەگە يىغىلىدىكەن.