باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پاكىز شىنجاڭ»نىڭ ئىخچام تەسۋىرى

2015.08.27 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي فۇنكسيەلىك رايونلار ئېنىق ئايرىلدى

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى مۇھىم رايونى، شۇنداقلا مۇھىم سۇ مەنبەسى. ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گوۋېي مۇنداق دېدى: بىز سۇ مەنبەسى رايونىنى قوغداش چارىسىگە ئاساسەن، سۇساي سۇ ئامبىرىنىڭ يۇقىرىسىدا 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇقنى يادرولۇق رايون قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى توختاتتۇق ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق.

  2015 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلار يىرىك پىلانى»نى ئېلان قىلدى، تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، شەھەر رايونى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونى، مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسىراش رايونى ۋە ئېچىش چەكلىنىدىغان رايون دەپ تۆت رايونغا ئايرىلدى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون پىلانىغا ئاساسەن، ئېكىئولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇردى.

  2013 - يىلى ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون پىلانى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايوندا يەر سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان رايونلارنى تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، كان قېزىش ھوقۇقى ئومۇمىي مىقدارى ۋە كان قېزىش كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلدى.

  «پىلان»دا تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئېچىلىدىغان تەرەققىيات رايون قىلىپ، ئالتاي تاغلىق رايونى ئورمان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسى فۇنكسىيەلىك رايونى، تارىم دەرياسىنى قۇملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونى، ئالتۇن تاغ يايلىقى چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونىنى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايون قىلدى.

  بۇ يىل 30 - ماي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى لو فۇخې ئۆمەك باشلاپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا شىنجاڭدىكى ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون پىلان قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس كۆزىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  مۇھىتنى بۇلغىغانلار قاتتىق جازالاندى

  «يەنكۇاڭ» شىنجاڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش، ئۆز ئالدىغا يوشۇرۇن تۇرۇبا ئورنىتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغانلىقتىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇ كارخانىغا 1مىليون 616 مىڭ 900 يۈەن جەرىمانە قويدى. بۇ، بۇ يىل يېڭى «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەڭ كۆپ جەرىمانە قويغان، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كارخانا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت تەكشۈرۈش تارماق ئەترىتى ئېلان قىلغان ئالدىنقى يېرىم يىللىق مەمۇرىي جەرىمانە دېلولىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپ دېلولاردىن جەمئىي 34نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 3 مىليون 708 مىڭ 700 يۈەن جەرىمانە قويغان.يېڭى «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قانۇنىي مەسئۇلىيەت كۈچەيتىلدى ھەم جەرىمانە قويۇش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، كۈن بويىچە جەرىمانە ھېسابلاش، مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش ۋە توختىتىش قاتارلىق يېڭى باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلدى.

   يېڭى «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» مۇھىت ئاسراشتا قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاساسقا ئايلاندى. 2015 - يىلى 4 - ئايغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكىلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان قانۇنسىز كارخانا 165كە، جازالانغان كارخانا 42گە، جەرىمانە سوممىسى 6 مىليون 260 مىڭ يۈەنگە، چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بويرۇلغان كارخانا 123 كە يەتتى.

  يېڭى «مۇھىت ئاسراش قانۇنى»دىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشىغا قويۇلغان تەلەپنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ۋە مەسئۇل خادىملارنى، تۆۋەن دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت ۋە مەسئۇل خادىملارنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، بۇنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش تەلەپ قىلىندى. بۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىغا پەرۋاسىز پوزىتسىيەدە بولسا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2015 - يىلى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈلىدىغان ئوبلاستنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قىلىپ بېكىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىشتىن چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىشقا ئۆتتى، 2015 - يىلى ئالتە ۋىلايەت ۋە ئوبلاست نۇقتىلىق چارلاپ تەكشۈرۈلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست قىلىپ بېكىتىلدى.

  سانجى ئوبلاستى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بېكىتكەن نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسال چارلاپ تەكشۈرۈلىدىغان ئوبلاست بولغانلىقى ئۈچۈن، 2015 - يىلىدىكى مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە پائال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلدى. مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مۇھىت ئاسراشتا قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپ ئالتە تىپىك دېلو ئىچىدىكى بەشى سانجى ئوبلاستىدا بايقالدى.

  شەھەر ۋە يېزا ئاممىسىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى

  ئىلگىرى مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى تەرتىپىدە ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدىغان ئۈرۈمچى 2012 - يىلىدىن بۇيان شەھەر مەركىزى رايونىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇسىنى تەبىئىي گاز يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان 22 تۈرلۈك تۈزەش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئۈرۈمچىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئۆلكىلەرنى بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشتە مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 24 - ئاۋغۇست 2015 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىت سۈپەتىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى %77.6كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى بۇلتۇرقىدىن ياخشىلاندى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمىگە يەتكەن كۈن سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ھاۋا سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ھاۋا سۈپىتى كونا ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولغان كۈن سانى 157 كۈن بولۇپ، %86.7كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ كۈن كۆپەيدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىتنىڭ ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ 1 - قارارلىق تۈرى باشلاندى، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈشى مۆلچەرلەندى. ۋاقتى كەلگەندە كەلگۈسى 48 سائەت، 72 سائەتتىكى ھاۋا سۈپەت كۆرسەتكۈچى (IQA)نى مۆلچەرلىگىلى ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى بولىدۇ ھەم بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ بوشلۇقتا تارقىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى كۆرسەتكۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋىر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى: بىر تۈركۈم مۇھىم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى؛ شەھەر، بازارلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ يېزا مۇھىتىنى بىر تۇتاش تۈزەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى، ئۇلۇنگۇر كۆلى قاتارلىق كۆللەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۈرگە ئايلاندى.

  «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» تەلىپى بويىچە، «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»نىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن كۈچى بىلەن ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدىكى گۈزەل سەھىپىلەرنى ئاچماقتا. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر