باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان ۋە ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلىرىدىن بولۇش كېرەك

2015.08.27 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 26 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە قاتتىق بويسۇنۇش، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە <زېرەك ئادەم> بولۇش» مەخسۇس تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە قاتتىق بويسۇنۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئۆگىنىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى>نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ ئاساسىي روھى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات تىزىسى» يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدىگە بويسۇنۇشنىڭ يادروسى −− پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ۋە «تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە باشتىن - ئاخىر كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ پارتىيەگە چەكسىز سادىق بولۇشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پاك ھەم تەلەپچان بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىدىيەۋى چەك قىلىپ، ئىشنى پاكىزە قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشى كېرەك. «تۆتتە كۈچلۈك»، «ئۈچتە ئىقتىدارلىق بولۇش»نى ئۆلچەم قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇليەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ۋە ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: تەلەپچان، راستچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاساسىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەخسۇس كومىتېتلار ئەزالارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شۇ كومىتېت ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەزالارنىڭ ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. كېلەر يىللىق كېڭىشىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈشنى بالدۇر پىلانلاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىشتىكى پىلانلىق، سىستېمىلىق ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ئەزالارنىڭ تالانت ۋە ئەقىل - پاراسەت ئۈستۈنلۈكىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئومۇملىقىغا چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەر ۋە قىسمەن ئەڭ رېئال، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ جىددىي كونكرېت مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى تىرىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەخسۇس كومىتېت مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەزالارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەزالار بىلەن بىللە كۆپرەك تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىدىغان قارالمىلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر