باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى ئىنچىكە ئىسلاھات بولۇشى كېرەك

2015.08.26 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى چىرىكلىكى»نىشان قىلىنغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئەھۋال تازا ياخشى ئەمەس. بۇ يىل 7- ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، 680 قېتىمغا يەتكەن. بۇ ئەھۋال شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىسلاھاتتىكى جاھىل ئىللەتنى يۇقىتىش ئۈچۈن، يەنىمۇ تۈرتكلىك كۈچ بولۇشى كېرەك.

  ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنىڭ ئاممىغا بىۋاستە بەرگەن تەسىرى بەك كۈچلۈك، شۇڭا ئامما ئىسلاھاتتىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. بۇلتۇر 7- ئايدا مەركەز ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى توغرىسىدا «ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسى» دېگەن ئىككى ھۆججەتنى تارقىتىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جايلار، ئورۇنلار ۋە تارماقلار ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق روشەنكى بەزى ئورۇن ۋە تارماقلاردا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلە بار، بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇكى، چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەن ئىسلاھات مۇرەككەپ. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنىڭ رىئال مەسىلىگە دۇچ كېلىشىدىكى مۇرەككەپ، پەرقلىق بولۇش، ئىنچىكە، ئەستايىدىل تۈرگە ئايرىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى يەنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر