باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر فۇكاڭ كەسىپلەر رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.08.27 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 26 - ئاۋغۇست فۇكاڭ كەسىپلەر رايونىغا جايلاشقان تەڭرىتاغ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ فۇكاڭ تەڭرىتاغ سىمونت چەكلىك شىركىتى، «جۇڭتەي» خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدا ئاساسلىق بېسىم سانائەتتە، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانى، ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. تۈرلۈك سانائەت كارخانىلىرى، مەيلى مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى ياكى پۇقراۋى كارخانىلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر بۇ ئىككى كارخانىدا بۇ يىلقى سىمونت، PVC قاتارلىق كەسىپلەردە باھا تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كەسىپتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەن توك باھاسى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى؛ ھازىر پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمىغا يەتكۈزۈپ ئايلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

  شۆھرەت زاكىر ئىككى كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا قارىتا پائال ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ 2 - كەسىپتە قىيىنچىلىق بىرقەدەر ئېغىر، بىز جەزمەن بۇنىڭغا توغرا قارىشىمىز ۋە قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىشىمىز؛ كارخانىلار مەھسۇلاتلارنىڭ ئامباردا بېسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ تۈگىتىشى كېرەك. تەڭرىتاغ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ فۇكاڭ تەڭرىتاغ سىمونت چەكلىك شىركىتى بىلەن «جۇڭتەي» گۇرۇھى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تىرىشىپ بازار ئېچىپ، تايانچ كارخانىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تىرىشقاندىلا يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 - كەسىپ مەبلىغى ئاپتونوم رايون مۇقىم مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، سانائەت تۈرلىرىگە ئۆز قەرەلىدە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاش ئاچقۇچ. كارخانىلار ئومۇمىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، يىراقنى كۆزلەپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان 50 تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كارخانىلارنىڭ سىياسەتلەرنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەردىن يېتەرلىك، جانلىق ۋە ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بازارنىڭ خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلار بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلار مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تىرانسپورت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلەرنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈش، ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق دەسلەپكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىڭ خۈيتيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى 28 - ئاۋغۇست سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 26 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە رايونىغا بېرىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ئەزا ئورۇن ۋە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىنىڭ سەۋىيەلىك، سەرخىل، ئالاھىدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي دوكلات بېرىش يىغىنىنى كۆڭۈل تەشكىللەپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بىلەن كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ، ھەر قەھەتتىن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى لايىھەسى ۋە باشقا خىزمەت لايىھەلىرىنى كەم - كۈتىسىز جىپسىلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، داۋالاش، سەھىيە كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇش بىلەن بىللە، ئومۇمغا پەن - تېخنىكا ئىجادىيىتىنىڭ كۈچىنى، قاتناشقۇچىلار بىلەن ھەر قايسى ساھەدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان تەرەققىياتى ۋە ئىتتىپاق، ئىناق ياخشى ئوبرازىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر مەملىكەتتىكى 13 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئون نەچچە پەن - تەتقىقات ئورنى ۋە ئالىي مەكتەپ ھەم 20 نەچچە كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر