باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2015.08.26 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 19-ئاۋغۇست، ئونسۇ ناھىيەسى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى نۇقتىلىق ئۆگەندى ھەمدە ناھىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بورھان مەمەت، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەنۋەر سۇلايمان، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرمەمەت سايىم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئەسقەر توختى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئوسمان، ناھىيىلىك پارتىكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مىللەت دىن ئىشلىرى كومىتېتى،ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە 30 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، يەتتە نەپەر دىنىي زاتلار ۋەكىلى ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىننىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئوسمان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەمدە ئۇلارنى داۋاملىق تۈردە پارتىيىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ، دوستانە، ئىناق، دىنىي كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، باشتىن-ئاخىر سەگەك تۇرۇپ، دىنىي ساھەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بورھان مەمەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، كەڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار شىنجاڭنىڭ دىنىي خىزمىتىدىكى «بەش خاراكتېر» ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسىي فاڭجېننى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىشى، دىن خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىشى لازىم. ئىككىنچى، ھەر دەرجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار «ئىككى ھۆججەت، بىر نىزام» بويىچە ، دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشى لازىم . ئۈچىنچى، كەڭ دىنىي زاتلار قانۇنچىلىق كۆز قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇپ، كۈندىلىك دىنىي پائالىيىتىدە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇننى بىلىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر