باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان پاكىستاننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سۆزلىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.08.25 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ 23- ،24 -ئاۋغۇست ھىندىستان بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىلەر سۆزلىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سېنگى مۇنداق دېدى، ھىندىستان پاكىستان سۆزلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ھىندىستان، بۇ قېتىمقى يىغىن كەشمىر مەسىلىسىگە ئەمەس، تېررورلۇق مەسىلىسىگىلا چېتىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.

  ھىندىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم، پاكىستاننىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى بىر قىسىم پارتىيە رەھبەرلىرىنى سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىغا باشقىچە قاراشتا بولۇپ كەلگەن ئىدى.

  22 -ئاۋغۇست ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۋاراج، ئەگەر پاكىستان ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە چىڭ تۇرسا سۆزلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز دېگەن.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 22 -ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى، ئەگەر ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتكە ئەمەل قىلىدىغان بولساق، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سۆزلىشىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ. پاكىستان« ئالدىنقى شەرت» ئاستىدا سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر