باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئېنت، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.08.26 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 25-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق بانكىسى 28-ئىيۇن تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تەڭلا تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى 25-ئاۋغۇست كەچتە ئامانەت، قەرز پۇلىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 4-قېتىم تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنداق قارار قىلدى: كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەلىتىش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى قەرزى ۋە ئامانىتىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 2015-يىل 26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر يىللىق قەرز پۇلى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ ٪4.6كە چۈشىدۇ؛ بىر يىللىق ئامانەت پۇلى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ ٪1.75كە چۈشىدۇ؛ باشقا ھەر قايسى ئۆلچەمدىكى قەرز پۇلى ۋە ئامانەت پۇلى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى، شەخسىي تۇرالغۇ فوندى ئامانەت، قەرز پۇلى ئۆسۈم نىسبىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر يىلدىن يۇقىرى (بىر يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەرەللىك ئامەنەت پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ لەيلىمە يۇقىرى چېكى تۆۋەنلىتىلىدۇ، قەرەلسىز ئامانەت پۇلى، شۇنداقلا بىر يىلدىن تۆۋەن قەرەللىك ئامانەت پۇلى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ لەيلىمە يۇقىرى چېكى ئۆزگەرمەيدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇنداق جاكارلىدى: بانكا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچان مۇۋاپىق تولۇقلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۇل كرېدىتىنى مۇقىم، مۇۋاپىق ئېشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتى 2015-يىل 6-سېنتەبىردىن باشلاپ 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن، ناھىيە تەۋەلىكىدىكى يېزا سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپېراتىپى ۋە كەنت-بازار بانكىسى قاتارلىق يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەييارلىق فوندى نىسبىتى نورمىدىن سىرت 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئىجارىگە بېرىش شىركەتلىرى ۋە ئاپتوموبىل پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرىنى ئىستېمالچىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەييارلىق فوندى نىسبىتى نورمىدىن سىرت 3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر