باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى»دا چېمپىيون بولغان گۈلمىرەنىڭ مەخسۇس مەيدان ئويۇنى« گۈل ئىشقى»(1)

2015.08.27 13:16   مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى»دا چېمپىيون بولغان گۈلمىرەنىڭ مەخسۇس مەيدان ئويۇنى« گۈل ئىشقى»(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم): شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدەك دەل مۇشۇ پەيىتتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى«جۇڭگو ياش ئۇسسۇلچىلار كۆرگەزمە ئويۇن پىلانى ‐‐ جۇڭگو 12 كۈنلۈك ئۇسسۇل»يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇسسۇل ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ياش ئۇسسۇلچىلارنى كۆرسۈتۈپ مەخسۇس ئويۇن قويۇش پائالىيىتى شەكلى بىلەن ئۇسسۇل تالانت ئىگىلىرىنى تەۋسىيە قىلغان. مىللىي ئۇسسۇلى ساھەسىدە، بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئۇسسۇلى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى تەشكىلىي كومىتېتقا ياش ئۇسسۇلچى گۈلمىرە مەمەتنى تەۋسىيە قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى گۈلمىرە مەمەتنىڭ مەخسۇس مەيدان ئويۇنى « گۈل ئىشقى»نى قويۇشى ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن مەدەت بەردى. بۇ قېتىمقى كېچىلىك شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا قىلغان سوۋغىسى شۇنداقلا شىنجاڭ سەنئەت مائارىپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ تولۇق گەۋدىلىنىشى.

  25.26-ئاۋغۇست، گۈلمىرە مەمەتنىڭ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدىكى« گۈل ئىشقى» مەخسۇس كېچىلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل ئېلېمېنتىنى نامايان قىلغان، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى، خەلق ئۇسسۇلى، زامانىۋى ئۇسسۇل، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل بىلەن شىنجاڭ ئۇسسۇللىنىڭ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى بايان قىلغان.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس كېچىلىكتە، گۈلمىرە مەمەت خىزمەتدىشى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر ھەسەن، ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا خەلقىگە شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇلنى نامايان قىلغان. «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى» گو فۇچېڭ ئەترىتىنىڭ ئەزاسى: تاپ ئۇسسۇل شاھى يۈسۈپجان، مېخانىكىلىق ئۇسسۇل شاھى ياڭ ۋېنخاۋ شۇنداقلا ياش ئۇسسۇلچى ئۈمىدمۇ كېچىلىككە قاتناشقان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتلەرنى فوتوگراف ليۇ خەيدۇڭ تەمىنلىگەن


【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 【33】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …