باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىندە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 123 كىشى قازا قىلدى

2015.08.24 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 23-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 23-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، تيەنجىن پورتىدىكى رۈيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتىدا 12-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى 14-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ جيەنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 23-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 3كىچە، 123 كىشى قازا قىلدى. 123 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، 20 ج خ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، تيەنجىن پورتىنىڭ 50 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، يەتتە خەلق ساقچىسى، باشقىلاردىن 46 كىشى بار. 50 كىشى يوقاپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، تۆت خ ج ئۆت ئۆچۈرۈش خادىمى، تيەنجىن پورتىنىڭ 30 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى، تۆت خەلق ساقچىسى، باشقىلاردىن 12 كىشى بار. 624 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە، 12 كىشى خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا، 30 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر، 169 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر