باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

100 ئېغىز ھەقسىز دۇكان ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياشلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى كۈتمەكتە

2015.08.26 10:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىڭىز يېتىشمىسە، ھەقسىز دۇكاننى ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتىنى ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ!

  تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش بازىسى رەسمىي قوزغىتىلغان بولۇپ، بۇ بازا سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ياشلار شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 100 ئېغىز ھەقسز دۇكان بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  بۇ بازا چاڭجياڭ يولىدىكى ئاۋات يول بۆلىكى بولغان دېخۇي خەلقئارا كىيىم ـ كېچەك بازىرىنىڭ 3-، 4- قەۋەتلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ دۇكان 2016-يىلى 28-فېۋرالغىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن. دۇكاننىڭ تىجارەت دائىرىسى كىيىم ـ كېچەك، ئاياق، پوسما قاتارلىق كىچىك تاۋارلار ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدىكەن، شۇنداقلا بازار تەلىپىگە بىنائەن قېتىق، سېرىق چۆپ، راڭپىزا قاتارلىق ئىس ـ تۈتەكسىز يىمەك ـ ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىك تىكلىگۈچى دۇكاننى ھەقسىز ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن 2-3 مىڭ يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرىدىكەن (رەنە پۇلى دۇكان كۆلىمىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى توشقاندا پۈتۈن پۇل قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ)، يېرىم يىللىق سۇ توك پۇلى، پار پۇلى (شەھەر ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدۇ) ۋە خوجىلىق ھەققى (ھەر ئايدا بىر كۋادرات مېتىر يەرگە 18 يۈەن ئىلىنىدۇ). يېرىم يىلدىن كىيىن، ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە داۋاملىق تۈردە ھۆددىگە ئىلىپ ئىجارىگە ئالسا بولىدىكەن، ئىجارە ھەققى ئوخشاش دۇكانلاردىن ئەرزان ئىجارىگە بېرىلىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر