باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» ـــ جۇڭگۇ خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.08.25 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 25–ئاۋغۇست شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگۇ خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشدىكى بىردىن بىر چوڭ تىپتىكى سەنئەت پائالىيىتى بولغان «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» ـــ جۇڭگۇ خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇزىكا كېچىلىكى 30 - ئاۋغۇست شىنجاڭ «خەلق» تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ «كۈيسۆيەر» ئوركېستىرى ئورۇندايدىكەن. «تارىخنى ئەستە مەڭگۈ ساقلاپ، قۇربان بولغانلارنى ئەسلەپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىمىزنى يارىتايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى بۇ مۇزىكا كېچىلىكىگە ئۈچ ئاي تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، 150 كىشىلىك خور ئۆمىكى 90 كىشىلىك ئوركېستر مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، مۇزىكا كېچىلىكىدە چالغۇچىلار، خور ئۆمىكى ۋە ئارقىدىكى چوڭ سەھنىدە كۆرۈنۈش قويۇش شەكلى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىك 70 يىل بۇرۇنقى تىز پۈكمەس قەيسەر ئىرادىسى، ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان سەككىز يىل، سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن غەلىبە، گۈزەل ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق چوڭقۇر ئىپادىلىنىپ، جۇڭگۇ خەلقىنىڭ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەنگەن، قەھرىمانلارغا، ۋەتەنگە چوڭقۇر ھۈرمەت بىلدۈرۈلگەن.

  شىنجاڭ «كۈيسۆيەر» ئوركېسترىنىڭ باشلىقى، بۇ قېتىملىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى ۋاڭ شياۋلياڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كېچىلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئازادلىقى، ھۆرلىكى ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئەجداتلىرىمىزغا بولغان چوڭقۇر ھۈرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى گۈزەل ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇلىرىمىز مۇجەسسەملەنگەن كىشىنىڭ روھىنى قوزغىتىدىغان بىر مۇزىكا كېچىلىكى، كېچىلىكتە ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان «سۇڭخۇاجياڭ بويىدا»، «چوڭ قىلىچ مارشى»، «پارتىزانلار ناخشىسى»، «تەيخاڭشەن تېغىدا»، «دۈشمەن ئارقا سېپىدە»، يەرئاستى ئۇرۇشى»، «تۆمۈريول پارتىزانلىرى» قاتارلىق كۈيلەر ئارقىلىق دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى بولغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلارغا بولغان چوڭقۇر ھۈرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كېچىلىك ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي ۋاقتى بىر سائەت 40 مىنۇت ئۆپچۈرىسىدە بولىدۇ، كېچىلىكنىڭ دېرىژورلۇقىنى شىنجاڭ «كۆيسۆيەر» ئوركېسترىنىڭ دېرىژورى گۇەن روڭ ئۈستىگە ئالدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر