- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جياڭسۇ ئۆلكىسى جۇڭگودىكى «100 كۈچلۈك ناھىيە» تىزىملىكىدە 1-ئورۇندا تۇردى، شەندۇڭ ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇردى
2015.08.24 16:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى، بېيجىڭ، 23-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ناھىيە ئىتقىساد كەسپىي تەتقىقات ئاپپاراتى−جۇڭجۈن ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقاتخانىسى 22-ئاۋغۇست «2015-يىللىق ناھىيە ئىقتىساد تەرەققىياتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «100 كۈچلۈك ناھىيە» تىزىملىكى ئاشكارىلاندى. ئىستاتىستىكىدىن بايقىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تىزىملىكتە، 24 ناھىيەسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۆلكىلەر بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە، جياڭيىن شەھىرى، كۈنشەن شەھىرى «100 كۈچلۈك ناھىيە» تىزىملىكىدە 1-ئورۇندا تۇرغان. شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى 21 ناھىيە ۋە 18 ناھىيە بىلەن 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغان.
تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن باشقا ئۆلكىلەر بىلەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندىكى ئۆلكىنىڭ پەرقى خېلىلا چوڭ، 4-ئورۇندىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ يەتتە ناھىيەسى، 5-ئورۇندىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئالتە ناھىيەسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. خۇنەن ئۆلكىسى ۋە جياڭشى ئۆلكىسى تۆت ناھىيە ۋە ئۈچ ناھىيە بىلەن 6- ۋە 7-ئورۇندا تۇردى.
خېبېي، خېنەن، خۇبېي، شەنشى، سىچۈەن، شىنجاڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون 8-ئورۇندا تۇردى، ئۇلاردىن ئوخشاشلا ئىككى ناھىيە «100 كۈچلۈك ناھىيە» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر