كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان دېھقان رەسساملارنىڭ « شانلىق 60 يىل » تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش خىزمىتى 25-ئاۋغۇست باشلاندى.
ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھەممەت جۈمەنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ قېتىم سىزىلىدىغان رەسىملەر ئاساسلىقى ناھىيەنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان، شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئومۇمىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ياخشىلىنىشلار، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسەتلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكى جاپالىق تۇرمۇش بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنى يېڭى، بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئىناق، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا پائال يېتەكلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
رەسىم سىزىش خىزمىتىگە ناھىيە بويىچە تاللانغان 30 نەپەر دېھقان رەسسام قاتناشقان بولۇپ، بۇ خىزمەت 30 ئاۋغۇست ئاخىرلىشىپ، 100 پارچە رەسىم تاللىنىپ، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبىرىكلەش كۆرگەزمە پائالىيىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن .