باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساقچى تەرەپ دۆلەت ھالقىغان تور قىمار دىلوسىنى پاش قىلدى

2015.08.26 10:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنايەت گۇماندارى لى xx قاتارلىقلارنىڭ كەينى ـ كەينىدىن تورغا چۈشۈشى بىلەن، چېگرا سىرتىدىكى بىر تور بەتنى تايانچ قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكى ۋاكالەتچىلەر قىمار مەيدانى ئاچقان جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيدىغان تور بەت قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى. 25-ئاۋغۇست، قارىماي ساقچىلىرى تاراتقۇلارغا دېلونى پاش قىلىش جەريانىنى ئۇقتۇردى.

  17-ئىيۇل، قاراماي ساقچى تەرەپ يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى: ۋۇ xx قاتارلىق كشىلەر چېگرا سىرتىدا قۇرۇلغان تور بەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، چېگرا ئىچىدە كۈچ يىغىپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ كۆپ قېتىم «بەيجيالې»تور قىمار دېلوسىنى تەشكىللىگەن.توردا قىمار ئويناش جىنايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى جىنايەت بولۇپ، يوشۇرۇنلىقى كۈچلۈك، پۇل تۆلەش ئوڭاي، رايون، چېگرا ھالقىغان، ئىسپات توپلاش قىيىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەخسۇس دېلو ئەترىتى قۇرۇپ رازۋېدكا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  بۇ جىنايەت گۇروھىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە، قاراماي شەھەرلىك جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتى كۆپ يول ئارقىلىق كىچىك گۇرۇپپىدىكىلەرنى تۇتۇپ، شىخەنزە، قارىماي قاتارلىق شەھەرلەرگە ۋە بىر قانچە رايونلارغا بېرىپ، جىنايەتكە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتقان ۋە ئاساسلىق جىنايەتچى لى xx ، ۋۇ xxنى تۇتقان ھەمدە قىسمەن جىنايەت سادىر قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپ ۋە بانكا كارتىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

  ھازىرغىچە، بۇ دېلودا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جىنايەت گۇماندارى شۇنداقلا قىمار ئويناشقا قاتناشقانلاردىن بولۇپ 19 ئادەم تۇتۇلغان، ئالتەيلەن جىنايى ئىشلار بويىچە رىجىمغا ئىلىنغان، جىنايەتكە چېتىشلىق 40 تىن ئارتۇق بانكا كارتىسى يىغىۋىلىنغان، 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق سودا خاتىرىسىنى رەتلەپ چىقتى، سودىغا چېتىشلىق دېلو 100 مىڭ يۈەندەك بولۇپ، 30 تۈمەن يۈەندىن ئارتۇق پۇل توڭلىتىلدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر