قومۇل ئۇيغۇرغول سۈرەتچىلىرى ۋە ئۇستازلارنىڭ ئۇنتۇلماس مىنۇتلىرى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇجىبۇل راخمان ئەركىم خەۋىرى: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ22-كۈنى، قومۇلدىكى 30 ئارتۇق فوتوسۈرەت ساھەسىدىكى ياشلار قومۇل ئىقبال مائارىپىدا شىنجاڭ جۈملىدىن مەملىكىتىمىزدە داڭقى چىققان فوتوگراف ئۇستازلاردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوسۈرەتچىلەرجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يالقۇن ھابىل، ئاپتونوم رايونلۇق فوتوسۈرەتچىلەرجەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابلىكىم ئەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق فوتوسۈرەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان مۇھەممەتلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قومۇل دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان، فوتوسۈرەتچىلىكتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوسۈرەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى جۈپ قول كەسپىي سۈرەتچىلىكىنىڭ غوجايىنى، ئۇيغۇرفوتوگرافىيە تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەتجان ئەھمەد تەھۇر ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، قومۇل شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى ئالاھىدە قوللىغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت جەريانىدا يۇقىرىقى ئۇستازلار ئۆزلىرىنىڭ فوتوگرافىيە ھەققىدىكى بىلىملىرى ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ھەۋەسكارلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇلارقومۇل غەربى تاغ يېزا قالغايتى كەنتى، قومۇل قارادۆۋە بازىرى ئەسكىشار يارداڭلىقى،بىڭتۈەن 13-دېۋىزىيە توغۇچى دېھقانچىلىق مەيدانى، قارلۇقغول بويىدىكى بۈگۈر بۇدداخارابىلىكلىرىدە قومۇلدىكى ھەۋەسكارلار بىلەن بىرلىكتە زىيارەتتە بولدى. بۇقېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى ياش ھەۋەسكارلار نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشىپ،قومۇل ھەمدە ئۇيغۇر فوتوسۈرەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى. بىر كەسىپنى ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن، كەسىپداشلار چوقۇم ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى.