باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: بايرامنى كۈتۈۋېلىش مەزگىلىدە ئەتراپىمىزدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى پاش قىلىشىمىز كېرەك، دېدى

2015.09.01 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 31-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىسترلىقى يېقىندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نىڭ قايتا بىخلىنىشى قەتئىي توسۇپ، ئامما ۋە تور ئەھلىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ۋە يان تېلېفون مۇئامىلدارلار تېرمىنالىدىكى «<تۆت خاھىش>قا قارشى تۇرۇش كونۇپكىسى» ئارقىلىق ئەتراپىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئايتوقاچ قاتارلىق بايراملىق سوۋغىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە سوۋغا قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلغا ساياھەت قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بايراملىق پۇل تارقىتىش قاتارلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى داۋاملىق پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئامما پاش قىلغان ۋە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ھەر قېتىملىق مۇھىم بايراملاردا، ئىنتىزام ئىجراسىنى چوقۇم كۈچەيتىش توغرىسىدىكى كۈچلۈك ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ، بۇ «تۆت خاھىش»نى داۋاملىق تۈزىتىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەنى نامايان قىلىدۇ. تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى يېقىنىشىپ قالدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش كۆزنىكىنى ئېلان قىلىپ، ئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممىباب نازارەت قىلىش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، «تۆت خاھىش»قا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر