باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئابلەت ئابدۇللا: جەمئىيەتكە ياراملىقلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىنتىلىمەن

2015.09.01 18:08   مەنبە: خەلق تورى

ئابلەت ئابدۇللا: جەمئىيەتكە ياراملىقلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىنتىلىمەن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى («شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)

  ـــ بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىبى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئىلىم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرغان، مەرىپەتۋەر ساخاۋەتچى ئابلەت ئاكىنىڭ بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان 22 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتارىدا ماڭا تەبرىكلەپ قىلغان 5 مىڭ يۈەن سوۋغىتىنى ئېلىپ بەك ھاياجانلاندىم، مەن ياخشى ئوقۇپ مېنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان ئابلەت ئاكىدەك قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارزۇلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە ياراملىق بىر ئادەم بولۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن،- دېدى 27 – ئاۋغۇست بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 662 نومۇر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەبدىن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن فىلۇرە.

  شۇ كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى زىياپەت زالىدا ھوشۇر ئىسلام، رەيھان قاسىم، ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىم، ساخاۋەتچى، يازغۇچىلار قاتناشقان 400 دىن ئارتۇق جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىبى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە 110 مىڭ يۈەنلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

  «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا بىلەن 2012 – يىلىدىكى بىر پائالىيەتتە تونۇشقاندىن بۇيان بۇ مەرىپەت ۋە ساخاۋەت ئۈچۈن ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئۇرۇپ تۇرغان يىگىت بىلەن خېلى مۇڭدىشىپ قوياتتىم، قىلغان ئىش ئىزلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتىم.

  ـــ شىنجاڭ «ئىنتىل» كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى 2009- يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان. مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئومۇمىي كۆلۈمى 1800 كۋادىرات مېتىر. ياتاق ئومۇمىي كۆلۈمى 2400 كۋادىرات مېتىر. ئاشخانا ئومۇمىي كۆلۈمى 90 كۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش، ياتاق ۋە تاماق بىر گەۋدىلەشكەن. مەكتىپىمىز ئۆزىنى مائارىپ ئۈچۈن ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە ئاتىغان 70 دىن ئارتۇق مەسئۇلىيەتچان، كۈيۈمچان، ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلىغان بىر تۈركۈم تالانتلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان . بۇنىڭدىن باشقا مەكتىپىمىز 180 دىن ئارتۇق كومپيۇتېر، ھەر خىل زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە سىستېمىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئىگە بولۇپ، مەكتىپىمىز «ئۈنۈمدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان بىر ئىللىق بىلىم ماكانى،- دېدى ئابلەت ئابدۇللا زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا «ئىنتىل» مەكتىبى ھەققىدە ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا،-مەكتىپىمىز 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا جەمئىي 21350 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ چىقتى. مەكتىپىمىزدە تەربىيىلەنگەن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلىدى، چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقتى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتلىق ھاياتىنى باشلىۋەتتى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق كارخانىلاردا خىزمەتكە چۈشتى. يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى.

  ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەت ۋە سورۇنلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقاتقان، ئىئانە قىلغان، ياردەم قىلغان، كەچۈرۋەتكەن ئوقۇش سوممىسى 4 مىليۇن 851 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بىر يىگىتنىڭ بۇنچىلىك غەيرەت قىلالىشى ھەرگىز ئاسان ئەمەسدە ئەلۋەتتە.

  ـــ 2009-يىلى مەكتىپىمىز شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرسىگە 2500 يۈەنلىك ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىشنى قارار قىلىپ قىلغانىدۇق، 2012 – يىلىدىن باشلاپ مەكتىپىمىز ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوكتۇر ئاسپىرانتى، ماگېستر ئاسپىرانتىلىقىدا ئوقۇۋاتقان 60 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى 5000 يۈەندىن مۇكاپاتلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش قېلىپلاشتى. بۇ يىل بولسا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان 14 نەپەر ئۇيغۇر، 8 نەپەر خەنزۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى 5000 يۈەندىن مۇكاپاتلىدۇق. چۈنكى جەمئىيەت مائارىپقا مۇھتاج، مائارىپ يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساسلىقلارغا مۇھتاج، مەكتىبىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىر تەرەققىي قىلىپ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ھالەت شەكىللەندى، مەيلى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز ۋە ياكى تاجىك ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ھەممىمىز جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش، ئەل ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن «ئىنتىل» دا تىرىشىۋاتىدۇ، شۇڭا بىزگە ھەرمىللەتتىن بولغان ئىقتىساسلىقلار كېرەك. بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتلاشتا مەكتىبىمىز بۇ ستودېنتلار بىلەن كېلىشىم تۈزدى يەنى بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە يەنە داۋاملىق سىنىپىنىڭ ئالدىنقى ئۈچى ئىچىدە ئوقۇيالىسا يەنە داۋاملىق تۈردە ھەر يىلى 5000 يۈەندىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە مەكتىبىمىز ئۇلارنىڭ ئالدىن خىزمەت ئورنى تاللىشى بولىدۇ،- دېدى ئابلەت ئابدۇللا ماڭا.

  ئىگىلىشىمچە، «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى 2009-يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان بۇلۇپ مەكتەپ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا دەسلەپكى قەدەمدە 1472 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 3 ئاي ھەقسىز تەربىيلەپ مائارىپ ۋە ساخاۋەتنىڭ تۇنجى قەدىمنى باسقان، 2013-يىلى مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك سىنىپلىرى ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن، 76 نەپەر ئوقۇغۇچى يىللىق ھەقسىز ئوقۇشتىن، 84 نەپەر ئوقۇغۇچى قىسقا مۇددەتلىك ھەقسىز تەربىيلەشتىن بەھىرىمان بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تېنىمسىز ھالدا ساخاۋەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشۇپ جەمئىتىمىزدىكى يېتىم - يىسىرلارغا ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

  ــــ سىز نىمە ئۈچۈن مەكتىبىڭىزدە ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

  ـــ مەن 2004 – يىيلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئېنگلىز تىلىغا ئوقۇشقا كەلگەندە مەن بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن سىڭلىم ئائىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇش پۇلى تۆلىيەلمەي ئوقۇيالمىغانىدى، شۇ ۋاقىتتا ھامان بىر كۈنى تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ سىڭلىمنى ئوقۇتىمەن، سىڭلىمغا ئوخشاش ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك، لېكىن ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئۈچۈن ئوقۇيالمىغانلارنى ھەقسىز ئوقۇتىمەن دەپ كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم، مانا ھازىر ئارزۇ – ئارمانلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، مەكتىبىمىزدە ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ،- دېدى ئابلەت ئابدۇللا،- كەلگۈسىدە مەكتىپىمىزنى مۇنتىزىم ھالەتتىكى ئوقۇش تارىخى ئېتىراپ قىلىنغان ئىنىستىتوت قىلىپ چىقسام، شىنجاڭنىڭ بارلىق شەھەر، ناھىيىلەرگىچە مەكتەپ ئاچسام، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەكتەپنى خەلىقنىڭ ۋە بارلىق ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پۈتۈنلەي قىيىنچىلىقى ئېغىر ۋە ئاتا-ئانىسى يوق يىتىم يىسىرلار ئوقۇيدىغان ھەقسىز مەكتەپكە ئايلاندۇرالىسام ئارمانلىرىم قاناتلىغان بولاتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ