باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

28 ئۆلكە دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا مائاشنى تۆۋەنلىتىش مەقسەت قىلىنمىغان

2015.09.01 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەركەزنىڭ كارخانا مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشقۇرۇش لايىھەسى»نىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللانغىنىغا بىر يىل بولدى ھەم بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. مۇخبىر ھازىرغىچە 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردا دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى 27-ئاۋغۇست «ئۆلكە باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھازىر، گۈيجۇ، خېبېي، شەندۇڭ، جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرى مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ ئىسلاھات لايىھەلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش قۇرۇلمىسىنىڭ روشەنلىشىشكە يۈزلەنگەنلىكى، باھالاش نەتىجىسىنىڭ مائاشقا بولغان تەسىرىنىڭ زورايغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كەسىپىي زاتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھاتتا تەشكىل ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت كارخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ مائاشىنى تەقسىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەكلىپ قىلىش نىسبىتى ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر