باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچىنىڭ 8-ئايلىق تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

خەلق تورى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

2015.09.10 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىدىغان «تور تاراتقۇسى» ژۇرنىلى يېقىندا «مەركەز نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچىنىڭ 8-ئايلىق تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان تىزىملىك 2015-يىلى 16-ئىيۇلدىن 15-ئاۋغۇستقىچە ئىستاتىستىكىلانغان بولۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىش ئوبېكتى دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئىجازەت قىلغان ۋە بېكىتكەن 250 ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى ئىكەن.

  تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە:

  خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ رادىيو تورى، نۇر تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ 8-ئايلىق ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچى ئىچىدە ئالدىنقى ئون قاتاردا تۇرىدىكەن.

  ئىككى مىكرو تېرمىنال جەھەتتە خەلق تورى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنخۇا تورى،جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى لىنىيەسى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، گۇاڭمىڭ تورى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ 8-ئايلىق «ئىككى مىكرو تېرمىنال» بويىچە تارقىتىشى ئىچىدە ئالدىنقى ئون قاتاردا تۇرىدىكەن.

  كومپيۇتېر تېرمىنالى بويىچە تارقىتىش جەھەتتە شىنخۇا تورى، خەلق تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، شىنجاڭ رادىيو تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، جۇڭگو گېزىتى تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ 8-ئايلىق كومپيۇتېر تېرمىنالى بويىچە تارقىتىشى ئىچىدە ئالدىنقى ئون قاتاردا تۇرىدىكەن.

  ئۈندىدار تېرمىنالى جەھەتتە خەلق تورى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى لىنىيەسى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، نۇر تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ 8-ئايلىق ئۈندىداردا تارقىتىشى بويىچە ئالدىنقى ئون قاتاردا تۇرىدىكەن.

  بىلوگ جەھەتتە خەلق تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، جۇڭگو ياشلار تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى لىنىيەسى، جۇڭگو تەيۋەن تورى، جۇڭگو ئىقتىساد تورى، شىنجاڭ رادىيو تورى، جۇڭگو تورى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ 8-ئايلىق بىلوگدا تارقىتىشى بويىچە ئالدىنقى ئون قاتاردا تۇرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى تىزىملىكىدە ئەسلىدىكى ئومۇمىي تىزىملىك، مەركەنىڭ نۇقتىلىق تور بېكەتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، جايلاردىكى شەھەرلەر قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا يەنە ئەسلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تور بېكەتلىرىنىڭ تۈرىنىمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتى ۋە يەرلىكنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تور بېكىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول لىنىيەسى بويىچە ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى تىزىملىكى» ۋە «غەربىي رايون تور بېكەتلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى تىزىملىكى»نى كۆپەيتىلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر