باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى(2014)»نىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۇيجۇ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى، ئوقۇتقۇچىلارنى تىرىشىپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىسى، مائارىپ بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ باشلامچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يېتەكچىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2015.09.10 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى(2014)» نىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۇيجۇ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى

  «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى(2014)» نىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى گۇيجۇ بىلىم ئاشۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارغا:

  ياخشىمۇسىلەر! بىر يىل ئىلگىرى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش» سىنىپىدا كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان ئىنتىلىشىڭلار، بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىڭلار، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مېھرىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. بىر يىلدىن بۇيان، سىلەرنىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنىڭ قازانغىنىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  سىلەر ماڭا يازغان خېتىڭلاردا نامرات رايونلاردا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقى، ھەر بىر بالىنى ھاياتىي كۈچكە تولغان مائارىپتىن بەھرلەندۈرۈپ، ئارزۇ ئارمانلىرى بىلەن تېخىمۇ قاناتلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى تاغلىق يېزىلاردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى نەتىجە قازىنىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپسىلەر. 2020-يىلغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە نامرات رايونلاردا، بۇ ئاجىزلىقنى تۈگىتىشىمىز كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم بىلىم ئۆگىتىش كېرەك. نامرات رايوندىكى بالىلارنى ئوقۇتۇش نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. پارتىيە ۋە دۆلەت بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نامراتلار رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، نامرات رايوندىكى ھەر بىر بالىنى ئوقۇتۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلى، جىسمانىي گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، مۇقەددەس بۇرچى. سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەسلەپكى ئارزۇيۇڭلارنى ئۇنۇتماي، غەربىي رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىسى، مائارىپ بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ باشلامچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ۋەتەننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇشۇ پۇرسەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2015-يىلى 9-سېنتەبىر

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر