خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى بايىنبۇلاق كۆلىدەئاققۇلار سۇ ئوينىماقتا. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، بايىنبۇلاق نەملىكىدە ياشايدىغان ئاققۇلار ئارقا-ئارقىدىن كۆچىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيىسى بايىنبۇلاق سۇلۇق يەر كىچىك كۆل رايونى ياشايدىغان ئاققۇلار مەركىزى كۆل رايونىغا يىغىلىپ،ئۇچۇش«مەشىقى» ئېلىپ بېرىپ، كۆچۈشكە تەييارلانماقتا. ھەر يىلى 3- ئايدىن 4- ئايغىچە، چوڭ ئاققۇ ئاساس قىلغان تۈمەنلىگەن ئەتىۋارلىق قۇش بايىنبۇلاق نەملىكىگە ئۇچۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ياشاپ، كۆپىيىپ،9-10-ئايلاردا ئۇچۇپ كېتىدۇ، تۇرۇش مۇددىتى يېرىم يىلدىن ئاشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى