- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
2015.09.06 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
60 كۈن داۋام قىلغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3 - سېنتەبىر ئاياغلاشتى، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %81.43كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە 71 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدە 59 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.
4 - سېنتەبىر ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 160 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بەش قېتىم ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانلارغا توردا قايتىدىن ئاشكارا ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، 131 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە 18 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى، ئورنى، نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى قوللانغاندىن باشقا، ئۈچ قېتىم باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئارزۇنى ئۆزگەرتىش)قا يول قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر