باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ئىستودېنتلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش مەزگىلىدە شىنجاڭ تالالىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى«قارا پاختا»دىن ئىشلەنگەن كارۋات بۇيۇملىرىغا قاتتىق زەربە بەردى

2015.09.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى بىر مەزگىل دەل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش مەزگىلى، شىنجاڭ تالالىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى«ئالىي مەكتەپلەردە تالالىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش»پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ،ئالى مەكتەپ تەمىنلىگەن ئوقۇغۇچىلاركارۋات بۇيۇملىرى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يايمىلاردا ساتقان كارىۋات بۇيۇملىرىغا قارىتا ئالا قويماي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،«قارا پاختا»دىن ئىشلەنگەن كارۋات بۇيۇملىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تالا تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئەسكەرتىدۇكى،«قارا پاختا»دىن ئىشلەنگەن كارۋات بۇيۇملىرىنى تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل،يەنى قاراش،سىقىپ بېقىش،قېقىپ بېقىش ۋە پۇراش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈگىلى بولىدۇ. بىرىنچىدىن، قاراشتا، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بار-يوقلۇقىغا قاراش؛ ئىككىنچىدىن، قىسىپ بېقىشتا، مەھسۇلاتنىڭ ئىچىدىكى تولدۇرغۇچى ماددىنى قىسىپ باققاندا يۇمشاق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. نورمال پاختا تالاسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بۇلىدۇ،«قارا پاختا»نىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولمايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، كۈچەپ قېقىپ بېقىش، ئەگەر قالايمىقان نەرسىلەر چۈشسە، تولدۇرغۇچى ماددىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پۇراش. نورمال پاختا تالاسىنىڭ پۇرىقى يوق، «قارا پاختا» ئادەتتە كۆكىرىپ قالغان سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ ياكى باشقا غەيرى پۇراق چىقىرىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر