باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2015.09.08 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇۋ يۈنشەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 7- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 2015-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش، پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە ئىدارىلىقىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ليۇۋ يۈنشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە ئىدارىلىقىدا بولۇشى پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى. پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە دېگەن نامىدا چىڭ تۇرۇشتا مۇستەھكەم، مۇقىم بولغان سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش لۇشيەنىنى سىڭدۈرۈش، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش تۈپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى جەھەتتە تەربىيەلەشنى ئاساسىي دەرس قىلىپ،جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتەك ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزۈم ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى ۋە كۇرسانتلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە نامايەن قىلىپ، پارتىيە مەكتىپىنى ناتوغرا ئسىتىلنى «تازىلىغۇچ»ىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر