باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شىزاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى

2015.09.07 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 6-سېنتەبىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-سېنتەبىر «مىللىي تېررىتورىيە ئاپتونومىيەلىك تۈزۈمىنىڭ شىزاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ شىزاڭغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئۆزگۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

  ئاق تاشلىق كىتابدا مۇنداق دېيىلدى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئاساسىي ئەھۋالى ۋە شىزاڭنىڭ يەرلىك ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ. شىزاڭنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولىغا ماڭغانلىقى خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇشى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى توغرا يول، بۇ شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى تەخىمنەن 22 مىڭ خەت بولۇپ، نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىت ئارقىلىق، شىزاڭنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگۈرۈشلەرنى كونا شىزاڭدىكى زۇلمەت ۋە قالاقلىق، تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سىياسىي تۈزۈم، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت سەككىز جەھەتتىن تونۇشتۇرغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر