- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنخۇيدىكى چىڭ سۇلالىسىغا تەۋە ياغاچ ئويمىلىق قەدىمىي ئىمارەت فۇكاڭغا يۆتكەپ كېلىندى
2015.09.08 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇيدىن پۈتۈن يۆتكەپ كېلىنگەن قەدىمىي ئىمارەت 6000كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمنى ئىگەللەيدۇ،سارايدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھەر بولسا قىممەتلىك ياغاچ ماتىرىيالدىن ئىشلەنگەن مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭ دەۋرىدىكى ياغاچ ئويما بۇلۇپ، بۈگۈنگىچە 200يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. قەدىمىي ئىمارەت بۇيىل يىل بېشىدا يۆتكەپ كېلىنگەندىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرىدىكى چىڭ سۇلالىسىگە ئائىت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى موللاشتۇرۇپلا قالماستىن يەنە، شەھەر خەلقى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ھازىرلاپ بەردى.
سۈرەتتە: 6- سېنتەبىر قارلىق تاغ جوما گۇرۇپپىسىدىكى ناخشىچىلار فۇكاڭ يېڭى رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىغا تەۋە ياغاچ ئويمىلىق قەدىمىي ئىمارەتتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر