باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىنجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

2015.09.08 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنجياڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىدىكى جايلاشقان ، جۇڭگودىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي تاپقان ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان , غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە«بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ۋە جىنجياڭ ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى كۈنسېرى جانلىنىپ، ھەمكارلىق دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جىنجياڭ تەۋەلىكىدىكى كارخانا 200 دىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، قېزىلما بايلىق ئېچىش، ئۆي-زېمىن، پۇل مۇئامىلە، ئاياق كىيىم قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىنجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزا كارخانىلىرى جەمئىي 150 تىن ئارتۇق بۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىنجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى لىن شىچاۋ مۇنداق دېدى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ توپلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ، بايلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ۋە جىنجياڭ ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئىككى جاينىڭ رايون، مەنبە، سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا باشلامچى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دادىل بولۇپ، ياخشى ئىشلەيدىغان جىنجياڭ كارخانىچىلار روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد-سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر