- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىيە مىنىستىرلىقى: شەخسىيلەرنىڭ ئىلكىدىكى پاي بىر يىل بولسا، پاي چېكى ئۆسۈمى-پايدىسىدىن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ، دېدى
2015.09.08 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى «پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكى ئۆسۈمى-پايدىسىدا شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى پەرقلىق بېكىتىش سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. شەخسىيلەر پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىگە ئاشكارە تارقىتىلغان يولدىن ۋە بازاردىن ئېرىشكەن بولۇپ، ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ مۇددىتى بىر يىل بولسا، پاي چېكى ئۆسۈمى-پايدىسىدىن ۋاقتىنچە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دېيىلدى: شەخسىيلەر پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىگە ئاشكارە تارقىتىلغان يولدىن ۋە بازاردىن ئېرىشكەن بولۇپ، ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ مۇددىتى بىر ئاي (بىر ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىچىدە بولسا، پاي چېكى ئۆسۈمى-پايدىسىدىن قىلغان سوممىسى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىغا تولۇق كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ مۇددىتى بىر ئايدىن يۇقىرى بىر يىل تۆۋەن (بىر يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، پاي چېكى ئۆسۈمى-پايدىسىدىن قىلغان سوممىسى ۋاقتىنچە %50 بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ يۇقىرىدا دېيىلگەن تاپاۋىتىگە %20 لىك باج نىسبىتى بويىچە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش سىياسىتى تەبىقلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر