باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى بىرىنچى كەنت لوپنۇر ناھىيەسى داش كەنتى كۆچمە تور سودىسى دەۋرىگە قەدەم قويدى

2015.09.11 16:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر تارىم ئويمانلىقى ئەڭ گۈزەل مەنىزىرىگە كىرگەن مەزگىل، تۈنۈگۈن سائەت 9دىن 9 مىنوت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپنۇر ناھىيەسى داش كەنت ئاھالىلىرى 2000 تۈرلۈك ئالاھىدە سوۋغاتلىرى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئالتۇن كۈزنىڭ مول ھوسۇلىدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۈندىدار سودا سارىيىدىكى «شىنجاڭ داش سارىيى»، «ئۆز يېرىنىڭ مەھسۇلاتى دۇكىنى»،«ياشىن تورىدىن مال سېتىۋېلىش» قاتارلىقلاردا شىنجاڭدىكى بىرىنچى كەنت داشى كەنتى تەييارلىغان سوۋغاتلار كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بۇنىڭغا كۆز تىكتى، قىسقىغىنا ۋاقىتتا تارىم دەرياسى بويىدىكى داش كەنتى توردىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ كىچىككىنە كەنتنىڭ بۇنچە تېز باش كۆتۈرۈپ، كۆچمە تور دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقتى. تۈنۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ داش كەنتىگە جاۋاپ خەت يازغىنىغا بىر يىل بولغان كۈن، بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە داش كەنتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، شى جىنپىڭ خېتىدە داش كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى قۇملۇقتىكى توغراقلىققا ئوخشاش قەلبداش بولۇپ، كۈنىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ماگېنتقا ئوخشاش يۇرتداشلارنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر