خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتەك گۈزەل تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە، 102 نەپەر قازاق چارۋىچى كۆكخۇلا كەنتىدە تۇرۇپ قېىلىشنى تاللىدى، ئۇلار سۇ، ئوت ـ چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر بىر تۇرمۇش كارتىنىسى ئارقىلىق كېلىپ كېتىپ تۇرۇۋاتقان ساياھەتچىلەرگە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى، كۆكخۇلا «يېشىك باغچا» دېگەن مەنىدە بولۇپ،ھەممە يەردە يېشىللىققا پۈركەنگەن كىچىك كەنتلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. قازاقلارمۇ بۇ كەنتلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوخشىتىدۇ. ئۇلار مىللىيچە كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيىشىپ، ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرگە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قازاقلارنىڭ سالام سۆزى، ئاقىن ئېيتىشىشى، توي ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە ناخشا ـ ئۇسسۇلى، مىللىيچە قول ـ ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى