دېڭىز قاتنىشى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى جېڭ خې بىلەن ئىسىمداش ئاتالغان ئادەتتىن تاشقىرى يۈك پاراخوتى 12-سېنتەبىر شاڭخەيدە ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەت قىلىدىغان تەرەپ فىرانسىيە دافىي دېڭىز تىرانسىپورت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلدى. بۇ، جۇڭگو ياسىغان يۈك پاراخوتنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
‹‹جېڭ خې›› ناملىق پاراخوت دۇنيا بويىچە 7-ئەۋلاد يۈك پاراخوتى بولۇپ، شاڭخەي جياڭنەن چاڭشىڭ ئېغىر سانائىتى چەكلىك چەكلىك شىركىتى ياسىغان، جۇڭگو پاراخوت سانائەت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 708-ئورنى لايىھەلىگەن. پاراخوت مەملىكىتىمىزدىكى بۈگۈنگە قەدەر ياسالغان ئەڭ چوڭ يۈك توشۇيدىغان پاراخوت بولۇپ، پاراخوتتا 18 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پاراخوتتىكى ساندۇقلارنىڭ باش ئاخىرنى تۇتاشتۇرغاندا ئۇزۇنلۇقى 108 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ‹‹جېڭ خې›› ناملىق پاراخوتنىڭ پالۇباسى مەملىكىتىمىزدە ھازىرغىچە ئىشلەپچىقارغان پاراخوتلار پالۇباسى ئىچىدە ئەڭ چوڭ بولۇپ، پاراخوتنىڭ كەڭلىكى 54 مېتىر كېلىدىكەن، پالۇباسىنىڭ چوڭلۇقى پۇتبول مەيدانىدىن تۆتىگە تەڭ بولىدىكەن.