خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-سېنتەبر، 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ باقتۇ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك كەسپى يەرمەنكىسى ۋە 6-نۆۋەتلىك تارباغاتاي كۆكتات ساياھەت يەرمەنكىسى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى چۆچەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى، بايلىق ئىمپورت قىلىش، ماشىنا-ئېلېكتىر تۈرلۈك ماللار ۋە ئامباردا ساقلاش قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردە 330مىليونلۇق كېلىشىمئىمزالاندى.
شىنجاڭ شېڭدا شىڭتەي سودا چەكلىك شىركىتى چۆچەك شەھىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن 30مىليون دوللارلىق« تاموژنا ئامبار نازارەت تۈرى»ى ئىمزالىدى. شىنجاڭ تارباغاتاي خەلقئارا بايلىق چەكلىك شىركىتى تاجىكىستان« تاجىكىستان –جۇڭگو كانچىلىق» چەكلىك شېركىتى بىلەن100مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى