باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىسسىنگېر خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى

2015.09.14 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كىسسىنگېرنىڭ نيۇيوركتىكى ئىشخانىسى خەنزۇچە خەت، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق «جۇڭگو ئامىللىرى»غا لىق تولغان، كارىدوردىكى كىتاب جازىسىغا نۇرغۇن خەنزۇچە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار لىق تىزىلغان. 92 ياشلىق دوكتور كىسسىنگېرنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر، كەيپىياتى تۇراقلىق تۇرماقتا. ئۇ مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاندا، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن پىكىرلەشكەندىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى.

  مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆينىڭ بىر تېمىغا تۆت تۇرنا سىزىلغان جۇڭگوچە رەسىم ئېسىلغان، يەنە بىر تېمىغا بىر توپ چاپقۇر ئاتا سىزىلغان جۇڭگوچە رەسىم ئېسلغان. كىسسىنگېر مۇخبىرنىڭ «سىز ئاتنى ياخشى كۆرەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «نانسى (كىسسىنگېرنىڭ خانىمى) ئاتنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى. كىسسىنگېر: «رەئىس ماۋ زېدۇڭ نانسىغا ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى» دېدى. ئۇ ئەسلەپ: نانسىنىڭ بويى مېنىڭكىدىن ئېگىز بولغاچقا، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى خانىمىم ئىككىمىز بىلەن كۆرۈشكەندە «ئۇ سېنىڭدىن ئېگىزكەن» دەپ مازاق قىلغانىدى، مەن ئۇنىڭغا: «بويىمۇ ياكى ئەقلىمۇ؟» دەپ قايتۇرۇپ سوئال قويغان، دېدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، بۇنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخى ۋەقەگە ئايلىنىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ پىكىرلەشكەن كىسسنگېر: «مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشقان، ئۇ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۇستا كىشى، ئۇ مول كىشىلىك ھايات تەجرىبىسىگە ئىگە، مېنىڭچە ئۇ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر