باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەككىدىكى چوڭ مەسچىتتە كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 111 كىشى قازا قىلدى

2015.09.14 13:57   مەنبە: خەلق تورى

مەككىدىكى چوڭ مەسچىتتە كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 111 كىشى قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككىگە جايلاشقان چوڭ مەسىچتىدە 11-سېنتەبىر كىران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 111 نەپەر ھەج قىلغۇچى ۋەقەدە قازا قىلدى، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ھەجىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ يېشى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. شۇيەر ۋاقتى 11-سېبتەبر سائەت 5دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مەسىچتىنىڭ يېنىدىكى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى كىران تۇيۇقسىز تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ مەسىچت ئىچىگە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  ئىگىلىنىشچە، مەككىدە پات ئارىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەج قىلىش پائالىيتىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئارقا ئارقىدىن«مۇقەددەس شەھەر»گە كەلگەن، بەيتۇللا مەسچىتىدە كېڭەيتىش قۇرۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ تۆت ئەتراپىدا بىر قانچە چوڭ تىپتىكى كىران قۇرۇلۇش قىلۋاتقان ئىكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ تېزدىن نەق مەيداننى قامال قىلغان ھەمدە 100 دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن.

  بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىراننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشىنى بوران-چاپقۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەئۇدى ئەرەبىستانى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇچاغدا مەككىدە بوران-چاپقۇن بولۇپ، شامال كۈچى سائىتىگە 55 كىلومېتىرغا يەتكەن ئىكەن.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇق يېنىك يارىلانغان. ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قازا قىلغان خەۋىرى يوق. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …