خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبر، مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى بىر قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 12 ئادەمنى خاتا ئاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكىلىق ساياھەتچىلەر بار. ئېلان قىلىنغان دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ساياھەتچىلەر ئەينى چاغدا بۆلۈنۈپ تۆت ساياھەت ئاپتوبۇسقا چىقىپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇملۇق بوستانلىق رايۇندىكى بىر«چەكلەنگەن رايون»غا ئۇقۇشماي بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن. سۈرەتتە: ۋەقە يۈز بەرگەن باخارىيا بوستانلىقى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى