باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا يەنە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 9خىل جىنايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2015.09.15 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 8-تۈزىتىلمە لايىھەسىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 13خىل جىنايەت ئازايتىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 55خىل جىنايەت ساقلاپ قىلىنغاندىن كىيىن، ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 8-ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9-تۈزىتىلمە لايىھەسىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان يەنە 9خىل جىنايەت ئازايتىلدى.

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9-تۈزىتىلمە لايىھەسىدە قورال، ئوق-دورا ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، يادرو ماتېرىياللىرىنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، يالغان پۇل ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، مەبلەغ يىغىپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى، نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، ھەربىي ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى، ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى قاتارلىق ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان 9خىل جىنايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 8-تۈزىتىلمە لايىھەسىدە، سورا قىلىنغاندا يېشى75كە توشقان ياشانغانلارغا ئۆلۈم جازاسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، لېكىن ئالاھىدە قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا دەپ بەلگىلەندى. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 9تۈزىتىلمە لايىھەسىدە ياشانغانلارنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلمىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىپ، ياشانغانلار ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىش ياش چېكى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى دەپ قارىدى.ج


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر