باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى: جامائەت پاراۋانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى

2015.09.14 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى 13- سېنتەبىر ئېلان قىلغان«دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى تەتقىقاتى»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى:جامائەت پاراۋانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مەۋقە قىلىشتا، جامائەت پارۋانلىقى بىلەن بازار چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق داۋالاش بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تەقسىملەش.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى «جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى»گە ئاساسەن، 2014- يىللىق مەملىكەتلىك سەھىيە ئۇمۇمىي خىراجىتى تېز ئاشقان، يېقىنقى تۆت يىلدا ئوتتۇرىچە يىللىق ئېشىش نىسبىتى %18.4 كە يىتىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە كېسەلخانىدا يىتىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، %40 كە يەتكەن، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش»،«داۋالىنىش قىممەت بولۇش» ئاغرىقلارنى قىيناپ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالغان.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يۇقىرىقى مەسىلە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك، داۋالاش بايلىقى تەقسىماتى مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كۆرۈلگەن، تەكلىپ- ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋىلىپ ئاساسىي جامائەت داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى بازار مېخانىزىمى قاتناشتۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر