باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ

2015.09.15 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندىن بۇيان، نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بەزى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ كوللېكتىپ دەرس تولۇقلايدۇ دەپ ئىنكاس قىلغان. بۇنداق دەرس تولۇقلاش ئاتا-ئانىلار ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

  14-سېنتەبر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايرامدا كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش مەنئىي قىلىنىدىكەن خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە شۇ جايدىكى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ھەمدە شىنجاڭ بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق-يازلىق تەتىل ۋە دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشنى مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. تەبىئىي ئاپەت، گېئولوگىيىلىك ئاپەت ياكى تارقىلىشچان كېسەل قاتارلىق ئامىل تۈپەيلى دەرس پىلانى ھەقىقەتەن ئورۇندالماي دەرس تولۇقلاشقا توغرا كەلسە چوقۇم ۋىلايەت دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرىغا دەرس تولۇقلاش پىلانى، مەزمۇنى، ۋاقىتىنى ئېلان قىلىش كېرەك. دەرس تولۇقلاشتا ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ. بۇ قېتىم، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى، ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس تولۇقلاشنى تەشكىللەشنى ئېنىق چەكلىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈنچى يىللىق ئوقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىختىيارىي قاتنىشىشى پىرىنسىپىدە چىڭتۇرغان ئاستىدا، مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يازلىق تەتىلدە مۇۋاپىق ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرس تولۇقلىسا بولىدۇ، لېكىن تەتىل ئومۇمىي كۈن سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئەگەر ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن دەرس تولۇقلاشقا لازىم بولسا، مەكتەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھەمدە ۋاقتىدا دەرس تولۇقلاش ۋاقتى ۋە پىلانىنى ئېلان قىلىش، ئائىلە باشلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. دەرس تولۇقلاشتا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ، ئاۋۋال دەرس تولۇقلاپ كېيىن ھەق ئېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئىنتىزام خىزمىتى كومىتېتى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) قەرەللىك ئۆز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تولۇقلاپ بەرگەن ئەھۋال بايقالسىلا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشۇرۇش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇتۇش

  ۋاقىتلىق چارىسى»قاتارلىق قانۇن نىزام بويىچە، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلغاندىن باشقا، مەكتەپلەرگە بېرىدىغان شەرەپلىك نام بىكار قىلىنىدۇ؛ شەرەپلىك نام بېرىلىپ بولغان بولسا بىكار قىلىنىدۇ . مەكتەپ مۇدىرىنىڭ شۇ يىللىق مۇكاپاتى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاش تەكلىپى بېرىلىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر